ياپونىيىدە شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو سىنىقىغا قارشى نامايىش داۋاملاشماقتا
2013.02.14
شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە 28 دۆلەت شىمالىي كورىيىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىشىگە قارىتا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغان ئىدى. ياپونىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا يىغىن چاقىرىپ، شىمالىي كورىيىگە ئېمبارگو قويۇشنى مۇزاكىرە قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، شىمالىي كورىيىنى سۈنئىي ھەمراھ نامى ئاستىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.
سەيشەنبە كۈنى شىمالىي كورىيە 3-قېتىملىق پارتلاش دەرىجىسى زور بولغان يادرو سىنىقى ئېلىپ باردى. بۇنىڭ بىلەن شىمالىي كورىيىنىڭ قوشنىسى بولغان ياپونىيە، كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە جىددىيلىك پەيدا بولدى. ياپونىيە بىلەن كورىيە ھەربىي ھازىرلىقلارنى كۈچەيتتى. ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې كورىيە پرېزىدېنتى لەئە ميۇڭ باك بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىقىدا شىمالىي كورىيىنىڭ ھەرىكىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما شىمالىي كورىيىنىڭ ھەرىكىتىنى ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا قىلىنغان تەھدىت دېدى ۋە شىمالىي كورىيىگە كۈچلۈك بىر ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. خەۋپسىزلىك كېڭىشى شۇ كۈنى بۇ مەسىلە ھەققىدە جىددىي يىغىن چاقىرىشنى قارار قىلدى.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا يادرو سىناقلىرىنىڭ ئېغىر تەھدىتىگە ئۇچرىغان ياپونىيىنىڭ خىروشىما، ناگاساكىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ شەھىرىنىڭ خەلقى ياپونىيىدە دائىملىق تۇرۇشلۇق كورىيىلىكلەر بىلەن بىرلىكتە، شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو سىنىقىغا قارشى چارشەنبە كۈنىدىن باشلاپ تىنچلىق نامايىشى ئېلىپ باردى. ئىككى چوڭ شەھەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ نامايىشتا شۇ شەھەرنىڭ شەھەر باشلىقلىرىمۇ بىرلىكتە ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ناگاساكى ۋە خىروشىما شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقلىرى كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە شىمالىي كورىيە رەھبەرلىرىگە ئىككى شەھەر خەلقى نامىدىن نارازىلىق خېتى ئەۋەتكەن.
نامايىشچىلار قوللىرىدا «دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت» دېگەندەك لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، ياپون ۋە كورىيە تىللىرىدا شوئار توۋلاپ ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىقىنى نامايان قىلغان. خىروشىمادىكى «ئاتوم بومبىسىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغانلار جەمئىيىتى» نىڭ مەسئۇلى سۇنائو سۆزىدە «دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئاتوم بومبىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشمايدۇ» دەپ بايان قىلغان.
خىروشىما ۋە ناگاساكى شەھەرلىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان يادرو سىناقلىرىنىڭ زەربىسى توغرىسىدا تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت بۇ ھەقتە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى.
مەزكۇر نامايىشقا ئىشتىراك قىلىۋاتقان 1945-يىلىدىكى ناگاساكىدا پارتلىغان ئاتوم بومبىسىنىڭ زەربىسىدە مومىسى مېيىپ بولۇپ قالغان 70 ياشلىق ياماگاجو ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:
- شىمالىي كورىيىنىڭ ئېلىپ بارغان يادرو سىنىقى ئىنسانىيەتنىڭ، يەر شارىنىڭ تىنچلىقىغا قىلىنغان بۇزغۇنچىلىق، شىمالىي كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىنى كەچۈرگىلى بولمايدۇ. ئىنسانىيەت،تىنچلىققا ۋە گۈزەل مۇھىتقا موھتاج. يادرو سىنىقى مۇھىت بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى.
ياپونىيىنىڭ خىروشىما ۋە ناگاساكى شەھەرلىرىدە داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلار ۋە شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو سىنىقى توغرىسىدا، ياپونىيىدە ياشاۋاتقان گۈلىستان خانىم ئۆزىنىڭ تەسىراتىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتتى.