ياپونىيەنىڭ ناگاساكى شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بېرىلدى
2016.07.31
31 - ئىيۇل ياپونىيەنىڭ ناگاساكى شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا«5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» ۋە «28 - ئىيۇل يەكەن ۋەقەسى»نى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.
بۇ قېتىمقى نامايىشنى ناگاساكى شەھىرىدىكى خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى مۇنبىرى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى تەشكىللىگەن.
نامايىش ئىككى سائەت ئەتراپىدا داۋام قىلغان ۋە ئاخىرىدا نامايىشچىلار ۋەكىلى ئىۋاناگا ئەپەندىم خىتاي كونسۇلخاسىنىڭ خەت ساندۇقىغا ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىق باياتنامىسىنى سېلىپ قويغان.
ياپونىيەدىكى خىتايدىكى مىللەت مەسىلىسى مۇنبىرى تەشكىلاتى 2013 - يىلى ناگاساكى شەھرىدە قۇرۇلغان. مەزكۇر تەشكىلات ئاساسلىقى خىتايدىكى ئۇيغۇر،تىبەت،موڭغۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىرىگە كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان ياپونىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولۇپ ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى ئىيۇل ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا«5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» ۋە «28 - ئىيۇل يەكەن ۋەقەسى»نى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن نامايىش ئېلىپ بېرىشنى باشلىغان.
نۆۋەتتە دىققىتىڭلار،مەزكۇر نامايىش ھەققىدە نەق مەيداندىن تەييارلانغان پروگراممىدا بولسۇن.