ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىدى
2016.03.02
توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت ئەزاسى «ناگائو تاكاشىنى قوللاش ۋە ياپونىيەنىڭ كەلگۈسىنى بەرپا قىلىش» توغرىسىدا چاقىرىلغان دوكلات سۆزلەش يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش
1 - مارت توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت ئەزاسى «ناگائو تاكاشىنى قوللاش ۋە ياپونىيەنىڭ كەلگۈسىنى بەرپا قىلىش» توغرىسىدا چاقىرىلغان دوكلات سۆزلەش يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان ۋە ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىلغان.
يىغىن شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت ئالتە يېرىمدىن سەككىز يېرىمغا قەدەر ياپونىيە پارلامېنت بىناسى يېنىدىكى روپپون كوجىما مېھمانخانىسىدا داۋاملاشقان بولۇپ، يىغىننى پارلامېنت ئەزاسى ناگائو تاكاشىنى قوللاش گۇرۇپپىسىدىكىلەر تەشكىللىگەن.
ناگائو تاكىشى «ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ ئەزاسى.
مەزكۇر يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىنغا ئاساسلىقى ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى، مىنىستىرلاردىن بولۇپ جەمئىي ئۈچ يۈزگە يېقىن كىشى قەدەم تەشرىپ قىلغان.
يىغىندا سۆز قىلغان مىنىستىرلار ۋە ئۇندىن باشقا پارلامېنت ئەزالىرى ئۆز دوكلاتلىرىدا خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بولۇشىنى تەلەپ قىلغان.
تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا سۆز قىلغان ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى ناگائو تاكاشى خىتاينىڭ ياپونىيەگە سېلىۋاتقان ئۈزلۈكسىز تەھدىتلىرىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە، خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدىمۇ توختالغان.
يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان يازغۇچى تادانوبۇ باندو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۈگۈنكى يىغىن ھەققىدە توختىلىپ:«دوكلاتلاردىن شۇنى ھېس قىلدۇقكى، خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى قاتتىق دەپسەندە قىلىنىپلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى يەنى ئانا تىلى يوقىلىش گىردابىغا كېلىپ قالدى، شۇڭا خەلقئارا جەمئىيەت جۈملىدىن ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىلەرگە تىزدىن كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك دەپ قارايمەن» دېدى.
تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ ئېيتىشىچە يەنە، ياپونىيە ئوكىناۋا شىمالىي ئاراللار ئىشلىرى مىنىستىرى سېدا خانىم دوكلاتىدا خىتاينىڭ سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرلۈك ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئالغان.
مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان ئوكىناۋالىق سىياسىي تەتقىقاتچى ساتورۇ ناكامۇرا يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا قارار قىلىنغان ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش بەلگىلىمىسى بويىچە خىتايدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى شۇنداق بىر تەرەپ قىلىنىش كېرەك دەپ قارايمەن» دېدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيەدە تونۇلغان ژۇرنالىست ساكۇراي يوشىكو خانىممۇ دوكلاتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالغان. يىغىندا يۇقىرىقىلاردىن باشقا بىر قىسىم سابىق مىنىستىرلارمۇ دوكلاتىدا ياپونىيەدىكى خىتاي كۆچمەنلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.









