2 - ئاپرېل ياپونىيەدىكى مەدەنىيەت تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بىرى بولغان ساكۇرا ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ھازىر ئاسىيادا نېمە ئىشلار مەيدانغا كېلىۋاتىدۇ؟» ناملىق ئېقىم مەسىلىلىرى سۆھبەت ۋە مۇنازىرە پروگراممىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە ساكۇرا ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسى «ھازىر ئاسىيادا نېمە ئىشلار مەيدانغا كېلىۋاتىدۇ؟» ناملىق ئېقىم مەسىلىلىرى سۆھبەت پروگراممىسى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، پروگراممىغا ياپونىيەدە كۆزگە كۆرۈنگەن بىر قىسىم مۇتەخەسسسىلەر، سىياسىي ئوبزورچىلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى قاتناشقان.
تېلېۋىزىيە سۆھبەت پروگراممىسىدىن كېيىن، تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىلھام ماھمۇت بۇ قېتىمىي ئېقىم مەسلىلىرى سۆھبەت ۋە مۇنازىرە پروگراممىسىغا قاتناشقان ياپونىيەدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پروفېسسور پىما گارپۇر سۆھبەت - مۇنازىرە پروگراممىسىدا ئۆزى بايان بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ:«ئاسىيا قىتبسىدە يۈز بېرىۋاتقان ئارال مەسىلىلىرىنى تىلغا ئالغاندا، ئەلۋەتتە بۇ مەسىلىگە خىتاي دۆلىتى چېتىلىدۇ. شۇڭا مەن خىتاينىڭ بۇ رايوندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كېڭەيمىچىلىك ھەرىكىتى ئۈستىدە تەپسىلىي توختالدىم. يەنى ياپونىيە، ۋېيتنام،فىللىپىن قاتارلىق ئەللەر بىلەن بولغان ئارال ماجىرالىرىنى ئەسلەتتىم. ئۇندىن باشقا تىبەتتە يېقىندا قولغا ئېلىنغان 30 ياشلىق بىر يىگىتنىڭ پاجىئەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق تىبەتتە مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئېلىپ بارمىغان، ئەمما ئۆز مەدەنىيىتى ۋە دىنىي توغرىسىدا سۆز قىلغان ئىنسانلارنىڭمۇ ئوخشاشلا خىتاينىڭ دۈشمىنى ھېسابلىدىغانلىقىنى بايان قىلدىم» دېدى.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت بۇ قېتىمقى تېلېۋىزىيە سۆھبەت پروگراممىسىدا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە توختالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ئورخۇن دايكىن تېلېۋىزىيە سۆھبەت پروگراممىسىدا ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىچكىي موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى موڭغۇللارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە توختالغانلىقىنى بايان قىلىپ:«مەن خىتاي كوچمەنلىرىنىڭ يايلاقلىرىمىزدا قالايمىقان كۆمۈر كان ئېچىشىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. مەدەنىيىتىمىزنىڭ يوقىلىش گىرداۋابىغا كېلىپ قالغانلىقى توغرىسىدا توختالدىم شۇنداقلا مۇھىتنىڭ ناچارلىقىدىن تۈرلۈك كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ دەردىنى ئاڭلاتتىم» دېدى.
ئىلھام ماھمۇتنىڭ ئېيتىشىچە، سۆھبەت پروگراممىسىغا ئىشتىراك قىلغان ئاتاغلىق سىياسىي ئوبزورچى سېيىكې ھې پروگراممىدا شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئىچكىي زىددىيەتلىرى ۋە يېقىندا خىتايدا چاقىرىلغان 12 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي ھەققىدە توختالغان.
سۆھبەتكە قاتناشقان تەيۋەن ۋەكىلى يېقىندا تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلغان سايلامدىن كېيىنكى تەيۋەن ھاكىمىيىتىدە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان يېڭى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا توختىلىپ،بۇنىڭدىن كېيىن تەيۋەننىڭ تېخىمۇ دېموكراتىيىلىشىپ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بىر دۆلەت بولۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋېيتنام كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى نۆۋەتتىكى ۋېيتنام ھۆكۈمىتىدە ساقلىنىۋاتقان بەزى مەسىلىلەرنى تەنقىد قىلغان.
ئىگىلىشىمىزچە، ساكۇرا ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبەت ۋە مۇنازىرە پروگراممىسى بىرلا ۋاقىتتا سىكايپا 217 قانالدىمۇ بېرىلگەن بولۇپ، پروگرمما كەچ سائەت ئالتىدىن توققۇزغا قەدەر ئۈچ سائەت داۋاملاشقان.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
0:00 / 0:00
