ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ باردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.04.12
yaponiye-uyghur-tonushturush.jpg ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ توكيودا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدىن بىر كۆرۈنۈش
RFA/Haji Qutluq Qadiri


9 - ئاپرېل، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى توكيودا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان. پائالىيەت شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككى يېرىمدىن بەش يېرىمغا قەدەر داۋاملاشقان بولۇپ، پائالىيەتكە كۆپلىگەن ياپونلار ئىشتىراك قىلغان.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، 9 - ئاپرېل توكيودىكى ئىداباشى رايونىدىكى ت ك پ يىغىن زالىدا مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان.

ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالغان بولۇپ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىلھام ماھمۇت بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ،بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدە ئاساسلىق ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەنگەن كۆپ قىىسملىق 12 مۇقام فىلىمىدىن ئارىيەلەر كۆرسىتىش ئارقىلىق، فىلىمدە تەسۋىرلەنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك ئەنئەنىۋىي ئادەتلىرى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلغان ۋاتانابى بۈگۈنكى پائالىيەت ھەققىدە توختىلىپ:«بىز بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئەھۋالىدىن ئەمەس، بەلكى مەدەنىيىتى توغرىسىدىكى دەسلەپكى چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدۇق، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تائاملىرى، ئۇيغۇر ناخشا - ئۇسۇللىرى ھەققىدە. پائالىيەت ھەقىقەتەن كۆڭۈللۈك ۋە قىزىقارلىق بولدى» دېدى.

ئىلھام ماھمۇت ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدە، ياپونلارنى ھەممىدىن بەكرەك قىزىقتۇرغان مەدەنىيەت جەھەتتىكى بەزى بىر نۇقتىلارنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئاخىرىدا، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىدىن كاتو ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىپ:«ھازىرغىچە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ياپونلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھوكۇمىتى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلۇۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھاياتىدىن مەلۇمات بېرىپ كېلىۋاتقان ئىدى، لېكىن بۈگۈن ئۆزگىچە ئۇسۇل بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشنى ئاساس قىلغان ھالدا مەدەنىيەت پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، كۆپچىلىككە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرىنى، بولۇپمۇ توي - تۆكۈن مەرىكىلىرىنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق بىزنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە بولغان قىزىقىشىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇردى. مەن بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنىڭ داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

ياپونىيە تارىخىي مەنبەلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيەدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى 1910 - يىلىدىن باشلانغان بولۇپ، بۇ دەۋىردە تەتقىقاتچىلار ئاساسلىقى خىتاي تارىخىي يازمىلىرىدىكى يازمىلارغا ئاساسەن ئۇيغۇرلارغا ئائىت تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرچە يادىكارلىقلارنىمۇ تەتقىق قىلغان.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.