توكيودا «ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئاق چېكىملىك ۋە ئەيدىز مەسىلىسى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى

0:00 / 0:00

6 - ئاۋغۇست توكيودا «ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئاق چېكىملىك ۋە ئەيدىز مەسىلىسى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە دوكلات سۆزلەش يىغىنى چاقىرىلدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر يىغىنغا ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان مەشھۇر خىتاي ئەيدىز پائالىيەتچىسى ۋەن يەنخەي ئەپەندى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ دوكلات سۆزلىگەن.

دوكلات سۆزلەش يىغىن توكيو شىنجىكودىكى مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ يىغىن زالىدا شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتىن بەشكە قەدەر داۋام قىلغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم توكيودا چاقىرىلغان بۇ قېتىمقى ئىلمىي دوكلات سۆزلەش يىغىنى ھەققىدە توختالدى.

بىز بۇ قېتىمقى دوكىلات ھەققىدە ۋەن يەنخەي ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، بىراق بۇنىڭغا پەقەتلا پۇرسەت بولمىدى.

تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەن يەنخەي ئەپەندى بۇ قېتىمقى دوكلاتىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىكى ئاق چېكىملىك ۋە ئەيدىز مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بىراق بۇ مەسىلىلەرنى سىياسىي قاراشلاردىن خالىي بولغان ھالدا پەقەتلا ئۆزىنىڭ تەتقىقات نۇقتىسىدىن ئاڭلاتقان.

تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئەيدىز پائالىيەتچىسى ۋەن يەنخەي ئەپەندى دوكلاتىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئاق چېكىملىك ۋە ئەيدىز مەسىلىلىرىنىڭ يامراپ كېتىشىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەلگىلىك مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى، گەرچە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى خىتايدىكى ئاق چېكىملىك ۋە ئەيدىزنىڭ يامراپ كېتىشىگە قارشى بەلگىلىك تەدبىر ۋە چارىلەرنى قوللانغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بۇ مەسىلىلەرگە نىسبەتەن خىتاي كومپارتىيەسى يەنىلا سۈكۈت قىلىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غالىپ مىجىتىنىڭ دېيىشىچە، ۋەن يەنخەي ئەپەندىنىڭ دوكلاتىدىن كېيىن، بىر قىسىم ياپونلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئاق چېكىملىك ۋە ئەيدىز مەسىلىلىرىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن جانلىق تەدبىر قوللانمىغانلىقى توغرىسىدا كۆپلىگەن سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويغان.

يىغىنغا قاتناشقان تەتقىقاتچى تاكاشى ساتو يىغىن ھەققىدە ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىپ:«ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە يالغۇز ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىشىغا ئۇچراپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇر رايونىدا دۇنيا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئەيدىزگە ئوخشاش كېسەللىكلەرنىڭ، ئاق چېكىملىكلەرنىڭ يامراپ كېتىشى ۋە خىتاينىڭ سۈكۈت قىلىشى كىشىنى چۆچۈتىدۇ» دېدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاق چېكىملىك ۋە ئەيدىز مەسىلىلىرى توغرىسىدا ياپونىيەدە چاقىرىلغان بۇ قېتىمى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.

ئىگىلىشىمىزچە، بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە دوكلات سۆزلەش يىغىنىغا توكيودىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولۇۋاتقان بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ قاتناشقان.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.