ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تايلاند ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان

0:00 / 0:00


4-ئىيۇن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تايلاند ھۆكۈمىتىگە مەكتۇب يوللاپ تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر جەمئىيەت توكيودىكى تايلاند ئەلچىخانىسىغا مەكتۇب يوللاپ تايلاند تۈرمىسىدە ئاچلىق ئېلان قىلغان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ھاياتىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە شۇنداقلا تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا قانۇن ‏- نىزاملارغا ئەمەل قىلغان ھالدا ئۇلارنىڭ ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئامان-ئېسەن بېرىۋېلىشقا ياردەم قىلىشىنى سورىغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت تايلاند ھوكۇمىتىگە يوللانغان مەكتۇب ھەققىدە توختالدى.

تايلاند ھۆكۈمىتىگە يوللانغان مەكتۇبتا بۇددا ئەقىدىلىرىگە تارىختىن بۇيان ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان تايلاندلىقلارنىڭ بۇددا ئەھكاملىرىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ئىنسانىي مۇئامىلىدە بولۇشى تەلەپ قىلىنغان.

ئىلھام ماھمۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى توكيودىكى تايلاند ئەلچىخانىسىغا مەزكۇر مەكتۇبنى ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا دائىر باشقا ماتېرىياللارنى يوللىغاندىن كېيىن ،ئەلچىخانا خادىملىرى دەرھال جاۋاب قايتۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى تاشقى ئىشلار مىسنىتىرلىقىغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىلھام ماھمۇتنىڭ ئېيتىشىچە، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ياپونىيەدىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر جەمئىيەت شۇنداقلا ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ جىددىي ھەرىكەتكە ئوتۈشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

ياپونىيەدىكى مۇستەقىل ئۇيغۇر مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىلىرىدىن ئاروما ساتو بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ:« تايلاند ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا توغرا ئادىل مۇئامىلىدە بولمىسا،تايلاند خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراش بىلەن بىرگە، خەلقارا جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. شۇڭا بىز بۇ خىل مەكتۇبلار ئارقىلىق تايلاند ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىدە سەممىي مەسلىھەت بېرىشىمىز كېرەك» دېدى.

بىز ئاخىرىدا، توكيودىكى تايلاند ئەلچىخانىسىغا كۆپ قېتىم تېلېفون قىلىپ تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىسىدا بەزى بىر ئۇچۇرلارغا ئىگە بولماقچى بولغان بولساقمۇ، بىراق قارشى تەرەپ تېلېفونىمىزنى پەقەتلا قوبۇل قىلمىدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.