ياۋروپادا ئىگىلىك تىكلىگەن ئۇيغۇرلار -پادىشاھ تىز تاماقخانىسى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2013.07.26
germaniye-ablimit-tursun-uyghur-tiz-tamaqxanisi-305.png گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھرىدىكى «ئۇيغۇر تىز تاماقخانىسى» نىڭ خوجايىنى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى
RFA/Ekrem

ئۆتكەن 3 - 4 يىلدىن بۇيانقى ۋاقىت گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى ۋە جاسارىتى ئۇرغىغان بىر دەۋىر بولدى. بولۇپمۇ، ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلار ئەسلىدە تۈرك قېرىنداشلىرى تەرىپىدىن ئېچىلغان، ئەمما تىجارىتى دېگەندەك يۈرۈشمىگەن ئاشخانا، رېستوران ۋە تىز تاماقخانىلارنى ھۆددىگە ئېلىپ ياكى سېتىۋېلىپ، ئۆزلىرىگە خاس تېرىشچانلىقى بىلەن روناق تېپىش يولىغا قاراپ ماڭدى.

بۇ بىرقانچە يىلدا، ميۇنخېن شەھىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك جايلىرىدا ئارقا - ئارقىدىن قەد كۆتۈرگەن ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى، رېستورانلىرى ۋە تىز تاماقخانىلىرىغا قاراپ، ميۇنخېندىكى تۈركلەر ئارىسىدا «ئۇيغۇرلار ميۇنخېندا ئاشخانا ساھەسىنى ئىگىلەپ بولدى» دېگەن گەپلەر تارالغان. بىلىشىمىزچە، ميۇنخېن شەھىرىدە تۈرك تاماقلىرى ساھەسى ئەزەلدىن تۈركلەرنىڭ ئىلكىدە بولۇپ كەلگەن. شەھەر مەركىزىدىكى ئاز ساندىكى كۈرتلەرنىڭ تاماقخانىلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، گېرمان رېستورانلىرى ۋە ئىتالىيان پىسساخانىلىرىدىن قالسىلا ھەممە يەرنى تۈرك تىز تاماقخانىلىرى ئىگىلىگەن. يېقىندىن بۇيان بۇ تاماقخانىلارنىڭ بىرىنىڭ كەينىدىن بىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلكىگە ئۆتۈشى ۋە ئىلگىرى تىجارىتى تازا ئىلگىرى باسمىغان بۇ دۇكانلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كېيىن باشقىدىن روناق تېپىپ مېڭىشى، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىدىيىسىدە «ئۇيغۇرلار تىرىشچان ۋە چىۋەر مىللەتكەن» دېگەن تەسىراتنى قالدۇرغان.

ئاڭلاۋاتقىنىڭلار «پادىشاھ تىز تاماقخانىسى» نىڭ خوجايىنى ئابدۇلھېكىم ئەپەندىنىڭ يۈرەك سۆزى. ئېچىلغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان «پادىشاھ تىز تاماقخانىسى» پۈتۈنلەي دېگۈدەك تۈركچە يىمەكلىكلەرنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئىلگىرى بىر تۈرك كىشى تەرىپىدىن ئېچىلىپ ئانچە يۈرۈشمىگەن بۇ ئاشخانىنىڭ تىجارىتى ھازىر باشقىدىن جانلىنىپ كەتكەن. ئۇ بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئالدى بىلەن تۈركچە تىز تاماقخانا ئېچىشنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا قىسقىچە ئىزاھات بەردى.

ئابدۇلھەكىم ئەپەندىمۇ مۇھاجىرەتتىكى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش مۇساپىرچىلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان بىر كىشى. ئۇنىڭ ھازىرقى كۈنلىرى كۆپ ياخشى بولسىمۇ، خۇددى «ئۆزگە يۇرتتا شاھى تون ئىچرە قورۇنغان تەنلىرىم، ئۆز يۇرتۇمدا يايرىغاي كەيسەم كۇلاھۇ - جەندىمەن» دېگەندەك، ھەرقاچان ئانا ۋەتەننى سېغىنىدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنى مۇشۇ مۇساپىرچىلىق ھاياتقا خىتاي زۇلمى مەھكۇم قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئابدۇلھېكىم ئەپەندى بىزنىڭ «كۆپرەك پۇل تاپسىڭىز، يەنە قانداق بىر ھايات يولىنى تاللاش خىيالىڭىز بار؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، ئىلگىرى قۇربىتى يەتكەن چاغلاردا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاشقا تېرىشىپ كەلگەنلىكىنى، بۇندىن كېيىنمۇ ھاللىنىپ قالسا، مۇساپىرچىلىقنىڭ تۈرلۈك ئەلەملىرىنى تارتىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ياردەم قولىنى سۇنىدىغانلىقىنى ۋە مۇھاجىرەتتىكى مىللىي دەۋاغا تېگىشلىك ھىممەت كۆرسىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، ئىلگىرى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر بايلارنىڭ ھايات كەچمىشلىرىگە شاھىد بولغانلىقىنى، بەزىلىرى تاپقان دۇنياسىنى ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن توغرا، دۇرۇس يوللارغا سەرپ قىلغان بولسىمۇ، بەزىلىرىنىڭ ھارامغا سەرپ قىلىپ ۋەيران بولغانلىقىنى، ھەتتا مال - دۇنياسىنى خىتايغا تارتقۇزۇپ قويۇپ پۇشايماندا قالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

دەرۋەقە، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىللىققا ئېرىشىشكەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئىلىدىن قازاقىستان ۋە قىرغىزىستانلارغا مال يۆتكەپ چىقىپ سودىسى گۈللەنگەن ئۇيغۇرلار ئاز ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تاپقان پۇللىرىنى يېتىم - يېسىرلار مەكتىپى ئېچىش، غېرىپ - غۇرۋالارنىڭ بېشىنى سىلاشتەك ساۋاپلىق ئىشلارغا سەرپ قىلدى. بەزىلىرى بۇلاڭچىلارغا، بەزىلىرى قويمىچىلارغا ئۇچراپ ۋەيران بولدى. يەنە بەزىلىرىنىڭ مال - مۈلكىگە ئوت كەتتى ۋە بەزىلىرى تاپقان پۇللىرى بىلەن قوشۇلۇپ كۆيۈپ تۈگىدى. كۆزەتكۈچىلەر، مال - دۇنياسىنى ھارامغا سەرپ قىلىپ ۋەيران بولغان كىشىلەرنىڭ خاتالىقىنى ئۆزىگە ئارتسىمۇ، يەنە بەزىلەرنىڭ خىتاينىڭ سۈيىقەستىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.