15 - ئىيۇن باۋارىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتارغا ميۇنخېن شەھىرىدىكى ھەر قايسى مىللەت ۋە دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتارىدا ئۇيغۇر ۋەكىلىمۇ قاتناشقان، بىراق خىتاي كونسۇلى قاتناشمىغان.
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندىنىڭ بۈگۈن بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 15 - ئىيۇن كۈنى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى (س پ د) تەرىپىدىن باۋارىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتارلىق پائالىيەتكە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ميۇنخېندىكى كونسۇللىرى، ھەر قايسى مىللەتلەر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ 250 تىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان. تەكلىپكە بىنائەن، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئەسقەرجان ئەپەندىمۇ مېھمان سۈپىتىدە بۇ سورۇنغا داخىل بولغان. بىراق، ئۆتكەن يىلقى بىر سەتچىلىك سەۋەبىدىن خىتاينىڭ ميۇنخېندىكى كونسۇللىرى بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشمىغان.
مەزكۇر ئىپتار پائالىيىتى نەق مەيدانىدىن ئېلىنغان ئاۋازلارغا قارىغاندا، ئىپتار سورۇنىنى ئۇيۇشتۇرغان سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى باۋارىيە تارمىقىنىڭ رەئىسى ماركوس رىندېرشىپاخەر ئەپەندى ئىپتاردىن ئىلگىرى قىلغان سۆزىدە، ئۆتكەن يىلى 24 - ئىيۇن كۈنىدىكى ئىپتار سورۇنىدا يۈز بەرگەن ۋەقەنى ئەسلەپ ئۆتكەن. ئۇ سۆزىدە، خىتاي كونسۇلى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن بىر سۈركىلىش سەۋەبىدىن، خىتاي كونسۇللىرىنىڭ بۇ قېتىمقى سورۇنغا قاتناشمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن يىلقى ئىپتارغا قاتناشقان خىتاينىڭ ميۇنخېندىكى كونسۇلى سۈن رۇيىڭ دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەر ۋەكىللىرى چاقىرىلغان بۇ سورۇنغا خىتاينىڭ دۈشمىنى بولغان د ئۇ ق ۋەكىلىنىڭمۇ قاتناشقانلىقىغا تاقەت قىلالماي، ماركوس ئەپەندىگە «يا 1.3 مىليارد خىتايغا تۇرىسەن، يا ئۇيغۇرلارغا تۇرىسەن» دېگەن شەرتنى قويغان. ماركوس ئەپەندى بولسا، «ئەگەر تاللاشقا مەجبۇر قالسام، مەن ئۇيغۇرلار تەرىپىدە تۇرىمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن. نەتىجىدە، خىتاي ۋەكىللىرى سورۇننى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن.
س پ د نىڭ باۋارىيە پارلامېنتىدىكى رەئىسى ماركوس ئەپەندى 15 - ئىيۇندىكى ئىپتار سورۇنىدا بۇ ۋەقە ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي كونسۇلى شۇ چاغدا، ‹د ئۇ ق دىن ئىبارەت تېررورچى بىر تەشكىلاتنىڭ ۋەكىلى بىلەن بىز بىر سورۇندا بولالمايمىز› دېدى، مەن ‹ھەر ئىككىڭلار مېنىڭ مېھمىنىم، مېنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇزۇن يىللاردىن بىرى ياخشى ئالاقەم بار. مەن كىملەرنىڭدۇر تەلەپلىرىگە بىنائەن مېھمان چاقىرمايمەن ياكى چاقىرغان مېھماننى كەتكۈزىۋەتمەيمەن› دېدىم. خىتاي كونسۇلى ‹ئۇنداقتا، يا 1.3 مىليارد خىتايغا تۇرىسەن، يا ئۇيغۇرلارغا تۇرىسەن› دېگەن يولسىز شەرتنى قويدى. مەن ئۇنىڭغا ‹مەن ئۇيغۇرلار تەرەپتە تۇرىمەن، ئۇيغۇرلار مېنىڭ دوستۇم› دېگەن جاۋابنى بەردىم. خىتاي كونسۇلى سورۇننى تەرك ئەتتى. بىز بۇ قېتىمقى سورۇنغا يەنە ئۇيغۇر ۋەكىلىنىمۇ، خىتاي كونسۇلىنىمۇ چاقىردۇق، ئەمما خىتايلار كەلمىدى. د ئۇ ق ۋەكىلى ئەسقەرجان مانا مەن بىلەن بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپتۇ. شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى يالغۇز ئۆز ئىدارىسى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىپلا قالماي، چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارغىمۇ زىيانكەشلىك قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.»
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى خېلىلا ئەيىبلىگەن. س پ د باۋارىيەدىكى رەئىسى ماركوس ئەپەندىنىڭ سۆزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئەسقەرجان ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلار نامىدىن رەھمەتلەر ئېيتقان.
ماركوس ئەپەندى تىلغا ئالغان بۇ ۋەقە ئۆتكەن يىلى 25 - ئىيۇن كۈنى جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتىنىڭ «قالايمىقانچىلىق» ستونىدا «باۋارىيەنىڭ س پ د سى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن توقۇنۇشقا كىردى» دېگەن تېمىدا ئېلان قىلىنىپ كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان ئىدى.
خەۋەردە، گېرمانىيەدىكى ئەڭ چوڭ پارتىيىنىڭ بىرى بولغان س پ د نىڭ باۋارىيە پارلامېنتىدىكى رەئىسى ماركوس ئەپەندىنىڭ خىتاي كونسۇلى ئوتتۇرىغا قويغان «يا 1،3 مىليارد خىتايغا تۇرىسەن، يا ئالتەتوكتوك ئۇيغۇرغا تۇرىسەن» دېگەن ئۇياتسىز شەرتىنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ كۈچلۈك خىتاي تەرەپتە ئەمەس، ئاجىز ئۇيغۇرلار تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن خىتاي كونسۇللىرىنىڭ سورۇننى تاشلاپ چىقىپ كەتكەنلىكى بايان قىلىنغان.
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ گېرمانىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بارغانسېرى قويۇقلىشىۋاتقان بولۇپ، گېرمانىيەدىكى خېلى كۆپ ئاساسلىق پارتىيە - ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كەلمەكتە.
0:00 / 0:00
