يەمەندە ئېچىلغان خەلقئارالىق يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

0:00 / 0:00

مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن يەمەننىڭ پايىتەختى سانادا «ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات» دېگەن نامدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات بېرىلدى.

بۇ يىغىنغا 23 دۆلەت، رايوندىن 88 نەپەر، تۈركىيىدىن 35 نەپەر، يەمەندىن 400 ئاممىۋىي تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ۋەكىللىرى قاتناشتى.

يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالەتەن شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە مۇئاۋىن رەئىس ئابدۇلكەرىم كۇچار قاتارلىقلار قاتناشتى.

بۇ يىغىنغا يەمەن ھۆكۈمىتى ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، چەتئەللەردىن كەلگەن مېھمانلارنى قىزغىن كۈتىۋالغان.

يىغىندا، تۈركىيىنىڭ يەمەندە تۇرۇش باش ئەلچىسى، يەمەن دۆلەت رەئىسىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى شۇنداقلا ياشلار مىنىستىرى ئاممار ئىرىيانى، يەمەن باش مىنىستىرىنىڭ مۇئاۋىنى ئابدۇرەجەب ئوبادا قاتارلىقلار ئېچىلىش سۆزى قىلدى.

«ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات» يىغىنىغا قاتناشقۇچىلار
«ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات» يىغىنىغا قاتناشقۇچىلار


ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئەلى قۇرت ئەپەندى ئېچىلىش نۇتۇقىدا، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇرۇققا ئوخشاش چېچىلىپ كەتكەن بۇ دەۋردىكى ئىنسانلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىرلىك ۋە باراۋەرلىككە ھەر ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ كۆپ ئېھتىياج تۇيۇلۇۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئەلى قۇرت ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئىسلام دۇنياسىنىڭ، يوقسۇللۇق، جاھىلىيەت ۋە ئىختىلاپ تىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ دۈشمىنى بار، بىز بۇلارنى يوق قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز، ئىسلام دۇنياسىنىڭ يېڭىدىن گۈللىنىشى ئۈچۈن بۇ ئۈچ چوڭ دۈشمەننى يوقىتىش كېرەك.»

يىغىندا ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكى، ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ چېكىدىن ئېشىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە، ئۇيغۇر دىيارنىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى ۋە ئىسلام دۇنياسىنى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

بۇ يىغىن 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى باشلىنىپ 24 - كۈنى ئاخىرلاشتى.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا، يىغىنغا قاتناشقان شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان يىغىن جەريانىدا كۆپ ساندا ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.