شۋېتسىيە ئادىل ئابدۇلھېكىمنىڭ سىياسى پاناھلىق ئىلتىماسىنى رەت قىلدى

شۋېتسىيە كۆچمەنلەر دائىرىلىرى گۇەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرى ئادىل ئابدۇلھېكىمنىڭ سىياسى پاناھلىق ئىلتىماسنى ئادىلغا بۇنىڭدىن بۇرۇن ئالبانىيىدە پاناھلىق بېرىلگەنلىك سەۋەبىدىن قوبۇل قىلمىدى.

شۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى كرىستېر لىيك پەيشەنبە كۈنى كۆچمەنلەر دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر ئىلتىماس توغرىسىدىكى قارارىنى ئېلان قىلىپ، " بىز ئادىل ئابدۇلھېكىمنىڭ شۋېتسىيىدە قېلىشقا ئېھتىياجى يوقلۇقىنى قارار قىلدۇق. چۈنكى ئۇنىڭغا ئاللىبۇرۇن ئالبانىيىدە پاناھلىق بېرىلگەن،" دەپ كۆرسەتتى.

بۇ يىل 33 ياشلاردىكى ئادىل ئابدۇلھېكىم 2006‏ - يىلى ماي ئېيىدا ئامېرىكا دائىرىلىرى تەرىپىدىن گۈەنتانامودا 4 يىل تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن ئالبانىيىگە يولغا سېلىنغان. لېكىن ئادىلنىڭ ئادۋۇكاتى ستەن دﯤ گېېر، كۆچمەنلەر دائىرىلىرىنىڭ ئادىلنى رەت قىلىش سەۋەبىگە قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا ئادىل ئابدۇلھېكىمنىڭ ئالبانىيىدە خىزمەت قىلىش، سىڭىش، ياكى ئائىلىسىنى ئېلىپ كېلىش كېلەچىكى يوقلۇقى، مانا بۇ سەۋەبلەردىن شۋېتسىيىدە پاناھلىق تىلىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئادىل ئابدۇلھېكىم بۇنىڭدىن بىر قانچە ئاي ئىلگىرى شۋېتسىيىدە چاقىرىلغان بىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ستوكھولىمغا كەلگەن بولۇپ، يىغىندىن كېيىن ئالبانىيىگە قايتمايدىغانلىقىنى، شۋېتسىيە دائىرىلىرىدىن پاناھلىق تىلەپ بۇ يەردىكى ھەدىسى بىلەن جەم بولۇش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

لېكىن ئادىل ئابدۇلھېكىمنىڭ ئادۋۇكاتى ئادىلنىڭ سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سوت مەھكىمىسى ئادىلنىڭ ئەرزىنى كۆرۈپ چىقىشى ئۈچۈن بىرەر يىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن.