ئامېرىكا، ئافغانىستاندىكى ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتمەكچى

ئامېرىكىدا چىقىدىغان "نيۇيورك ۋاقتى" گېزىتى، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنستىرلىكىنىڭ، كېلەر يىلى ئافغانىستانغا يەنە 7000 ئەسكەر ئەۋەتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى، بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.05.03

 خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سانىنىڭ كۆپەيتىلىشى، ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشتا ئامېرىكىنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشىگە سەۋەب بولىدىكەن.
 
جۈمە كۈنى، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى، روبرت گېتس، ئامېرىكا، ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىي رايونىدىكى ھەربىي پائالىيەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قولغا ئېلىشنى ئويلىشىشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. نۆۋەتتە، بۇ رايون شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ھەربىي قىسىملىرىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ، تالىبانلار ئەڭ كۆپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان رايونلارنىڭ بېرى ھېسابلىنىدۇ.

"نيۇيورك ۋاقتى" گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 7000 قوشۇمچە ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ ئافغانىستانغا ئەۋەتىلىشى بىلەن، بۇ دۆلەتتىكى ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سانى 40000 كىشىدىن ئاشىدىكەن. نۆۋەتتە، ئافغانىستاندا 34000 ئامېرىكا ئەسكىرى مەۋجۇت بولۇپ، بۇلارنىڭ 16000 نەپىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باشقۇرۇشىدا ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.