مەلۇم بولىشچە، بۇشنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا سەپىرى 10 - ئىيۇندىن 16 - ئىيۇنغىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇش ئالدى بىلەن سلوۋېنىيىدە ئۆتكۈزىلىدىغان ئامېرىكا - ياۋروپا ئەللىرى ئالىي رەھبەرلەر ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىپ، ئاندىن كېيىن گېرمانىيە، ئىتالىيە، ۋاتىكان، فرانسىيە ئەنگىلىيە، بېلفاست ۋە شىمالىي ئىرلاندىيىلەردە زىيارەتتە بولىدىكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇشنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا سەپىرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بولسا، ئامېرىكا ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئافغانىستان ھەمدە ئىراق بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ياۋروپادىن ياردەم ئىزدەش بولۇپ، فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ئاق سارايدىن يولغا چىقىش ئالدىدا پرېزىدېنت بۇش بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا سەپىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆزىنىڭ يەنە، ئامېرىكىنىڭ دوللارنىڭ قۇدرىتىنى ساقلاپ قېلىشتىكى تىرىشچانلىقى ھەققىدە توختىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە : " دوللارنىڭ قىممىتى يۇقىرى بولۇشى دۆلىتىمىزنىڭ مەنپەئەتى ھەمدە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق" دېگەن.
ئەمما، پرېزىدېنت بۇشنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا سەپىرىنىڭ كۈتكەندەك نەتىجىلىك بولمايدىغانلىقى ھەققىدە گۇمانىي قاراشلارمۇ مەيدانغا كېلىۋاتقان بولۇپ، فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسلىھەتچىسى ستېفېن ھادلېي، بۇشنىڭ بۇ نۆۋەتلىك سەپەردە ئالاھىدە كېلىشىملەرنىڭ ھاسىل قىلىنىشىدىن زور ئۈمىد كۈتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
