ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باياناتى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى بۈگۈن بىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى، 2008‏ - يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى بېيجىڭغا بېرىلگەندە، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خىتايدىكى ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكى توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىردى.
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات خەۋىرى
2008.08.02

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ قوش رەئىسلىرى سېدېر لېۋن ۋە بايرون دورگان تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خىتايدىكى دىنىي گۇرۇپپىلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە سىياسىي ئۆكتىچىلەرگە قاراتقان باستۇرۇشى ھەرىكەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزى بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرىشنىڭ، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق ئەمەسلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا، "ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا ساھىبخانىلىق قىلىش مۇكاپاتى بېرىلگەن بىر دۆلەتنىڭ ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىپ قىلمىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش باشقا بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق ئەمەس، ئەكسىچە، باشقا دۆلەتلەر شۇنىڭدەك بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز ھېسابلىنىدۇ،" دېيىلگەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.