ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى خىتاينى دالاي لاما بىلەن جىددىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات خەۋىرى
2008.06.10
2008.06.10
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇشنىڭ سەيشەنبە كۈنى ياۋرۇپا دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتتىكى رەئىسى سلوۋىنىيىنىڭ پايتەختى ليۇبليانا شەھىرىدە ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتىدا ": بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت باشلاش قارارىنى تەقدىرلەيمىز شۇنىڭدەك ھەر ئىككى تەرەپنى تېزدىن جىددىي، سەمىمىي ۋە نەتىجىلىك سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا ئۈندەيمىز" دېيىلگەن.
كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، خىتاي ھۆكۈمىتى مارت ئېيىدا تىبەتنىڭ پايتەختى لخاسا شەھىرىدە باشلانغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن، خەلقئارا جامائەتنىڭ، بولۇپمۇ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بېسىمى بىلەن تىبەت مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتنى قايتىدىن باشلىغان ۋە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى سۆھبەت ماي ئېيىنىڭ باشلىرىدا خىتاينىڭ شىنجىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەمدە كېيىنكى سۆھبەتنىڭ 11 - ئىيۇن كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى جاكارلانغان ئىدى. لېكىن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى يېقىندا خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشنى باھانە قىلىپ، دالاي لاما ۋەكىللىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى مەسئۇللىرى، سۆھبەت باشلاشقا يېڭى بىر كۈن بېكىتىش ئۈچۈن تىرىشماقتا، ئىكەن.









