دىك چەينى ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى قوللاش زىيارىتىنى ئازەربەيجاندىن باشلىدى

رۇسىيە بىلەن گروزىيە ئوتتۇرىسىدا 8 ‏ - ئايدا توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دىك چەينىنىڭ ئامېرىكىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى قوللاش زىيارىتى بۈگۈن ئازەربەيجاندىن باشلاندى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ گروزىيە ۋە ئوكرائىنالارغا بارىدۇ.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ باكۇدىن بايان قىلىشىچە، دىك چەينى بۈگۈن ئازەربەيجان پرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيۇف بىلەن ۋە غەرب نېفىت شىركەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇلار بىلەن گرۇزىيىدىن تۈركىيىگە ۋە تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان تەبىئى گاز تۇرۇبا لېنىيىسى مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلەشتى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ بۇ رايوندا ياۋروپاغا بارىدىغان تەبىئى گاز مەسىلىسىدەك چوڭ مەسىلىدە رۇسىيىنى قايرىپ قويۇپ، ئۆزى خالىغان كىچىك دۆلەتلەر بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلىۋاتقانلىقى، رۇسىيىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈشى مۇمكىن.