ئامېرىكا ياۋروپانى رۇسىيىنىڭ گرۇزىيىدىكى قىلمىشىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىردى

تېخى ئۆتكەن ھەپتىدە ئىلگىرى كېيىن ئەزەربەيجان، گرۇزىيە ۋە ئۇكرائىنىيە قاتارلىق مەملىكەتلەرنى زىيارەت قىلىپ، گرۇزىيە - رۇسىيە توقۇنۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مەسىلىلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇرغان ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دىك چېنىي شەنبە كۈنى ئىتالىيىگە كېلىپ، ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشكەندە رۇسىيىنىڭ گرۇزىيىدىكى قىلمىشلىرىنى تەنقىد قىلغان.

ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۆزىنىڭ ۋە چېنىينىڭ بىردەك ھالدا كاۋكازىيە كرىزىسىنى ھەل قىلىشتا ياۋروپانىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشى زۆرۈر، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇئاۋىن پرېزىدېنت چېنىي ئىتالىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنىغا قاتنىشىپ، سۆز قىلغان بولۇپ، ئۇ نۇقتىدا غەرب ئەللىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ رۇسىيىنىڭ ياۋروپاغا نىسبەتەن كۈنسايىن دۈشمەنلىشىۋاتقان شۇنىڭدەك ئېنېرگىيە جەھەتتە تەھدىت سېتىشتەك قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. چۈنكى، ياۋروپادىكى گېرمانىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم دۆلەتلەر رۇسىيىنىڭ تەبىئىي گاز ۋە نېفىت بىلەن تەمىنلىشىگە تايانغاچقا، رۇسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ گرۇزىيە مەسىلىسىدە رۇسىيىنى ئەيىبلەپ، ئەگەردە قاتتىق بېسىم كۆرسىتىش چارىسى قوللانسا، ياۋروپانى تەبىئىي گاز ۋە نېفىت بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

ئىتالىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قېتىمقى رۇسىيىگە ئائىت يىغىنىدا رۇسىيىگە قاتتىق چارە قوللانماسلىق ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى مەملىكەت بولۇپ، بۇنى گېرمانىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر قوللىغان ئىدى.

مۇئاۋىن پرېزىدېنت چېنىي ئۆز سەپىرىدە ئىزچىل ھالدا رۇسىيىنىڭ گرۇزىيىدىكى قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىگەن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ گرۇزىيە، ئۇكرائىنىيە ۋە ئەزەربەيجان قاتارلىق دۆلەتلەرگە بولغان قوللاشلىرىنى ئىپادىلىگەن. بىراق، ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە بىلەن بولغان ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى سەۋەبىدىن موسكۋاغا قاتتىق بېسىملارنى كۆرسىتىشتىن ئېھتىيات قىلىپ، پەقەت موسكۋانىڭ ئۆز قوشۇنلىرىنى گرۇزىيىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان.