ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئولىمپىكنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى لىبېراللار ۋە كونسېرۋاتىپ ئەزالار پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.05.02

 ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى فرانك ۋولف،" ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ئەدلىيە تارماقلىرى ۋە قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىدىن ھېچكىم ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشماسلىقى كېرەك " دەپ كۆرسەتتى. فرانك ۋولف خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 200 گە يېقىن شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىرنى يۇرتىغا قايتۇرۇش پىلانىنى ئەيىبلىدى.

دېموكراتىك كېڭەش پالاتا ئەزاسى روبېرت مەنېندېز، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدىكى "شەرمەندىلىكلەر" تۈپەيلىدىن پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئامېرىكا پرېزىدېنت ئىشخانىسى ئاقساراي پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىش پىلانىدا ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى، لېكىن بۇشنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشامدۇ ياكى تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى كۆرگىلى بارامدۇ ؟ دېگەن بۇ مەسىلىدە بىر قارارغا كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

پرېزىدېنت بۇش ئۆزىنىڭ بېيجىڭغا بارسا خىتاي رەھبەرلىرىنى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشكە ئۈندەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئۇ، پەيشەنبە كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە، لېكىن سۆھبەت تىبەت خەلقىنىڭ ئەندىشىلىرىنى مەزمۇن قىلغان ھەقىقىي مەنىدىكى سۆھبەت بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.