ئامېرىكا ساغلاملىق ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت مىنىستىرى ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلار بىخەتەرلىكى ئۈستىدە توختالدى

دۈشەنبە كۈنى شاڭخەيدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا ساغلاملىق ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت مىنىستىرى مايك لېۋىت ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنىدىغان يېمەك - ئىچمەك، دورا - دەرمەك ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ تېخىمۇ قاتتىق سۈپەت تەكشۈرۈش ئۆتكىلىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىنىشىچە، لېۋىت: ئىشىنىمىزكى، ھازىر بىز يۈرگۈزۈۋاتقان بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش سىستېمىسى كۆڭلۈلدىكىدەك بولسىمۇ، ئەمما كېلەچەكتىكى خىزمەتلەر ئۈچۈن كەملىك قىلىدۇ" دېدى.

ئۇ يەنە، ئامېرىكا يېمەك - ئىچمەك ۋە دورا - دەرمەك باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرگە قارىتا تەكشۈرگۈچى خادىملارنى بېكىتىدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلغان لېۋىت ئامېرىكىنىڭ يېمەك ‏ - ئىچمەك بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيىسى جەھەتتە مۇئەييەن ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.

خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان زەھەرلىك ئەرمەك ھايۋان يەملىرى، قوغۇشۇن ئارىلاشقان سىردا سىرلانغان بالىلار ئويۇنچۇقلىرى ھەمدە شۇنىڭغا ئەگەشكەن ھالدا دۇنيانىڭ كولومبىيە قاتارلىق جايلىرىدا بايقالغان زەھەرلىك چىش پاستىسى ھادىسى تۈپەيلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى خىتايدىن ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارغا قارىتا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە خىتايدىكى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ مەشغۇلات تەرتىپى ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى بىلەن ئورتاقلىشىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان مايك لېۋىت ئوچۇق - ئاشكارا بولۇش ھەمدە بىخەتەرلىك ئۆلچىمى جەھەتتە ئامېرىكىنىڭ ئۆلچىمىگە توشمايدىغان شىركەت ۋە دۆلەتلەردە ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا چېگرىسىغا كەلگەندە تېخىمۇ قاتتىق تەكشۈرۈشكە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.