ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى ئاخىرلاشتى

ئامېرىكىدا پارتىيىلەر پرېزىدېنتلىققا نامزات كۆرسىتىدىغان دەسلەپكى سايلام 1 ‏ - ئاينىڭ 3 ‏ - كۈنى باشلانغان ئىدى، گەرچە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى دەسلەپكى سايلامنى خېلى بۇرۇنلا ئاخىرلاشتۇرۇپ، جوھن ماككېيىننى پرېزىدېنت نامزاتلىقىغا كۆرسىتىپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما دېموكراتلار پارتىيىسى ئىچىدە قاتتىق رىقابەت داۋاملىشىپ، بۇ پارتىيىنىڭ نامزات كۆرسىتىش ئىشى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىدى، شۇنداقـتىمۇ يەنىلا سايلام ۋاقىت جەدۋىلىدىكى ئاخىرقى كۈندە، يەنى 6 ‏ - ئاينىڭ 3 ‏ - كۈنى ئاخىرلاشتى. باراك ئوباما غەلىبە قىلدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى بولغان ئوباما ئەمدى دېموكراتلار پارتىيىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئامېرىكىدا بىر نەچچە يىلدىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي ۋە ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، يېڭى ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ تارىخ يارىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ نامزاتى جوھن ماككېيىن ئەمدى ئامېرىكىدا پۈتۈن خەلق ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق ئامېرىكا پرېزىدېنتىنى سايلاپ چىقىدىغان ئىككىنچى باسقۇچلۇق سايلام باشلانغانلىقىنى، بۇ باسقۇچتا ئۆزىنىڭ ھەر قانداق رىقابەتكە تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلاپلا قالماي، دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ نامزاتى باراك ئوباما ئامېرىكىدا پەيدا قىلماقچى بولغان يېڭى ئۆزگىرىشنى 'خاتا ئۆزگىرىش' دەپ ئاتىدى.

ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ۋاقىت جەدۋىلىگە قارىغاندا، ئىككىنچى باسقۇچلۇق سايلام پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسى 11 ‏ - ئاينىڭ 3 ‏ - كۈنى چىقىدۇ.