كاندىلىزا رايس خانىم تىبەتتە ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ئېچىش تەشەببۇسىنى كېڭەش پالاتاسىغا يوللىغان

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى كاندىلىزا رايس خانىم 4 ‏- ئاينىڭ 9 ‏- كۈنى، خىتايغا ناھايىتى يېراق بولغان، ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ بېرىشى چەكلىمىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان تىبەتتە ئامېرىكىنىڭ كونسۇلخانىسىنى ئېچىش لازىملىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇ ھەقتىكى تەشەببۇسىنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ خامچوت كومىتېتىغا يوللىغان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بايان قىلىشىچە، كاندىلىزا رايس خانىم بۈگۈنكى باياناتىدا، تىبەتلەرنىڭ لخاسادىكى تىنچلىق نامايىشى، 3 ‏- ئاينىڭ 14 ‏- كۈنىدىن كېيىن يەرلىك تىبەتلەر بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشقا ئايلاندى، دېگەن ۋە ھازىر ئامېرىكا دىپلوماتلىرى چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقان تىبەتتە، ئامېرىكىنىڭ كونسۇلخانىسىنى ئېچىش بۇنىڭدىن بۇرۇنلا ئامېرىكىنىڭ قىلىدىغان ئىشلار پىلانىدىكى بىر تۈر ئىدى، دەپ چۈشەندۈرگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، 1940 ‏- يىللاردا ئامېرىكىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى كونسۇلخانىسى تا كوممۇنىست ئىشغالىيىتىگىچە پائالىيىتىنى توختاتمىغان ئىدى.