ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تىبەت ھەققىدە قارار لايىھىسى قوبۇل قىلدى

9‏ - ئاپرىل كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارار لايىھىسى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىبەتتىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى توختىتىشقا ۋە تىبەتلەرنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىسى دالاي لاما بىلەن جىددىي ۋە سەمىمىي سۆھبەت باشلاشقا چاقىردى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى رەئىسى نەنسى پېلوسى ۋە جۇمھۇرىيەتچى ۋە دېموكرات پارتىيىسىنىڭ دۆلەت مەجلىسىدىكى غوللۇق ئەزالىرى تەرىپىدىن سۇنۇلغان قارار لايىھىسىدە يەنە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن تىبەت قانۇنى سىياسىتىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىشنى ۋە تىبەتنىڭ پايتەختى لخاسادا ئامېرىكا كونسۇلخانىسى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قارار لايىھىسىنىڭ دۆلەت مەجلىسىدە مۇزاكىرە قىلىنىشى جەريانىدا، ھەم جۇمھۇرىيەتچى ھەم دېموكرات پارتىيىسىنىڭ دۆلەت مەجلىسىدىكى ئەزالىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تىبەتتىكى نارازىلىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەتكەن ۋەھشى ئۇسۇلىنىڭ خەلقئارا ھوقۇق پرىنسىپلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى، تىبەتتە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە مۇستەقىل بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشىغا يول قويۇشقا چاقىرغان.