ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى خىتاينىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئىلىدىكى دىنىي سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى پەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ تىبەتلىك بۇددىستلار، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار، فالۇنگوڭ ۋە يەر ئاستى خرىستيان مۇرىتلىرىنىڭ دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكىگە زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ئالاھىدە ناچار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.05.02

 دوكلاتتا، دائىرىلەرنىڭ تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشنى مۇسۇلمانلارنىڭ تىنچ دىنىي پائالىيەتلىرىنى باستۇرۇشنىڭ باھانىسى قىلىۋالغانلىقى، 2007 ‏- يىلى جەريانىدا ئۇيغۇر دىنىي زاتلار ۋە تالىپلارنىڭ " قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر" دە بولدى، دېگەن ناملار بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، دىنىي مەكتەپلەرنىڭ تاقالغانلىقى، دىنىي ئەسەرلەرنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقى، ئىماملارنىڭ سىياسى ئۆگىنىشكە قاتناشتۇرۇلغانلىقى، ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ دىنىي ئىبادەت بىلەن شۇغۇللىنىشى پۈتۈنلەي چەكلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا مەزكۇر كومىتېت، بۇش ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ دىنىي ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدا بەزى تەۋسىيىلەردە بولدى. بۇ تەۋسىيىلەر ئامېرىكا تىبەت بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە كونسۇلخانا ئېچىپ، بۇ جايلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى نازارەت قىلىش، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلىك دىنىي زاتلارنىڭ ئامېرىكىغا كېلىپ ئۆگىنىشىگە قولايلىقلارنى يارىتىش، ئۇيغۇر ۋە تىبەت تىلىدىكى رادىئو ئاڭلىتىشىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى دۆلەت مەجلىسىنىڭ 1998 ‏- يىلى ماقۇللىغان دىنىي ئەركىنلىك قانۇنىغا ئاساسەن قۇرۇلغان ئورگان بولۇپ، مەزكۇر كومىتېت 2000 ‏- يىلدىن بېرى ھەر يىلى 5 ‏- ئايدا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ كەلمەكتە. دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى بۇ يىلقى دوكلاتىدا خىتاينى يەنە دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ئەندىشە قىلىنىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.