ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى، پرېزىدېنت بۇشنى تىبەتنى زىيارەت قىلىشقا چاقىردى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى ئەزالىرى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇشتىن بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قاتنىشىش ئۈچۈن خىتاينى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە، ئامېرىكىنىڭ تىبەتتىكى ۋەزىيەتكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تەكىتلەش ئۈچۈن تىبەتنىمۇ زىيارەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ غوللۇق ئەزالىرىدىن دېموكراتچى جوزىف بىدىن، جان كەررى، باربارا بوكسەر ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئەزالىرىدىن ئولىمپىيا سونۇ، جۈمە كۈنى پرېزىدېنت بۇشقا بىر خەت ئەۋەتىپ، ئۇنىڭدىن تىبەت مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، تىبەتنى زىيارەت قىلىش قاتارلىق كونكرېت چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان.

ئۇلار خېتىدە شۇنداقلا، پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتىنى، تىبەتنىڭ پايتەختى لخاسادا شەھىرىدە ئامېرىكا باش كونسۇلخانىسى ئېچىش شۇنىڭدەك خەلقئارا ئىنسانىي ياردەم تەشكىلاتلىرى ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ تىبەتكە كىرىشىنى ئاسانلاشتۇرۇش مەسىلسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پرېزىدېنت بۇشنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئاۋغۇست ئېيىدا خىتايغا بارىدىغانلىقى ئېنىق ئىكەن. لېكىن ، ئۇنىڭ ئولىمپىكنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ-قاتناشمايدىغانلىقى تېخى مەلۇم ئەمەس ئىكەن. كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئەزالىرى شۇنىڭدەك خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، پرېزىدېنت بۇشنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتىكى باستۇرۇش ھەرىكىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى تۈپەيلىدىن، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرماقتا.