ئامېرىكا بىلەن ھىندىستاننىڭ ئاتوم ئېنېرگىيە كېلىشىمى خەلقئارالىق قوللاشقا ئېرىشتى

ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان ئارىسىدا تۈزۈلگەن پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى ئۈچۈن ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلغان ئاتوم - يادرو كېلىشىمى يېقىندا ۋىئېنادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاتوم - يادرو ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان دۆلەتلەر گۇرۇھىنىڭ يىغىنىدا تەستىقتىن ئۆتكەن بولۇپ، 45 دۆلەتتىن تەركىپ تاپقان بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىچىدە پەقەت ئاز ساندىكى دۆلەتلەرلا قارشى چىققان.

نۆۋەتتە، ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان ئارىسىدا تۈزۈلگەن بۇ كېلىشىم يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشىنى كۈتمەكتە ئىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ھىندىستان ئىقتىسادىي گېزىتىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئاتوم - يادرو ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان دۆلەتلەر گۇرۇھىنىڭ يىغىنىدا ئامېرىكا بىلەن ھىندىستاننىڭ بۇ كېلىشىمىنىڭ تەستىقتىن ئۆتۈشىگە نىسبەتەن خىتاي تەرەپ تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن توسقۇنلۇق قىلغان، شۇ سەۋەبتىن ھىندىستان تەرەپمۇ نارازى بولغان ئىكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى بۇ كېلىشىمنىڭ تەستىقتىن ئۆتۈشى ھىندىستان ئۈچۈن زور پايدىلىق بولۇپ، 34 يىلدىن بۇيان ھىندىستانغا قويۇلغان يادرو ماتېرىياللىرى سودىسى چەكلىمىسىگە خاتىمە بېرىلىدىكەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش ۋە ھىندىستان باش مىنىستىرى سىنك بىر - بىرىنى تەبرىكلىگەن.

ئامېرىكا - ھىندىستان ئارىسىدىكى يادرو كېلىشىمى خەلقئارا تەرەپتىن تەستىقلانغان بۇ كۈنلەردە ھىندىستاننىڭ قوشنىسى، يەنى خىتاينىڭ ياردىمىگە ئېرىشىۋاتقان يادرو دۆلىتى پاكىستاندا پرېزىدېنت سايلىمى بولۇپ، سابىق پاكىستان ئۆكتىچى پارتىيە رەھبىرى، سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن بۇتتو خانىمنىڭ ئېرى ئاسىف زەردارى شەنبە كۈنى پاكىستان پرېزىدېنتلىقىغا سايلاندى.