بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە،، خىتاي تاش ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جياڭ يۇ مەزكۇر قاراردا تىبەتنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىنىڭ بۇرمىلانغانلىقىنى ھەمدە بۇ "خىتاي خەلقىنىڭ كۆڭلىنى قاتتىق رەنجىتكەنلىكىنى" بىلدۈرگەن.
جياڭ يۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا ئامېرىكا ماقۇللىغان مەزكۇر قارارنىڭ خىتاينى ئىنتايىن غەزەپلەندۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
تۈنۈگۈن ئامېرىكا كېڭەش پالاتا رەئىسى نەنسى پېلوسى ۋە باشقا 9 نەپەر دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى بىرلىكتە خىتاينى تىبەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلەرنى ئاياقلاشتۇرۇشقا قىستايدىغان 1077 - نومۇرلۇق قارار لايىھىسىنى تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر قارار دۆلەت مەجلىسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈپ كۈچكە ئىگە بولغان ئىدى.
10 - مارت تىبەتنىڭ لخاسا شەھىرىدە باشلىنىپ كېيىن تىبەتكە قوشنا رايونلارغىچە كېڭەيگەن نامايىش جەريانىدا نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان ۋە كۆپلىگەن ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمەت مەنبەلىرى 22 ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسا، سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى مەزكۇر نامايىش جەريانىدا 140تىن ئارتۇق تىبەتلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتتە ئېلىپ بېرىلغان نامايىشنى "14 - مارت ۋەقەسى" دەپ ئاتاپ تىبەتكە تۈركۈملەپ ئەسكەر يۆتكەپ كەڭ كۆلەمدە تۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش ۋە باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغىچە 1000دىن ئارتۇق ئادەمنى تۇتقۇن قىلغان.
