پۇل پاخاللىقى ئامېرىكا - خىتاي ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىسادىي دىئالوگىدا ئاساسى تېما بولىدۇ
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008.06.11
2008.06.11
ماكرولۇق مالىيە باشقۇرۇش بۇيىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان دىئالوگ دەپ ئاتىلىدىغان بۇ سۆھبەتتە، ئاساسەن ھازىر ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىگە رىقابەت بولۇپ چىقىۋاتقان پۇل پاخاللىقى مەسىلىسى ھەل قىلغۇچ نۇقتا بولىدۇ.
مىنىستىر پاۋلسوننىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ سانائەتكە، مەبلەغ سېلىشقا ۋە ئىمپورتقىلا تايىنىۋېلىشى نەتىجىسىدە ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئېشىپ كېتىپ، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ئېغىرلىشىپ، تەقسىمات تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ، ئومۇمىي ئىقتىسادىي تەڭپۇڭسىزلىق كېلىپ چىقماقتا.
بۇنىڭ بىلەن 4 - ئايدا ئامېرىكا - خىتاي ئوتتۇرىسىدا سودىدا كېلىپ چىققان قىزىل رەقەم بۇلتۇرقىدىن 25% ئېلىپ كەتكەن. ئەمما خىتاينىڭ ھازىرغا قەدەر خەلق پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇش نىسبىتىنى ئەركىن قويۇۋېتىشكە بولغان تەييارلىقى پۈتكىنى يوق.









