ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئىرانغا قاتتىق ئىقتسادىي جازا يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇش ۋە ئامېرىكىنىڭ ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرى، سەيشەنبە كۈنى سلوۋېنىيىدە ئۆتكۈزگەن ئالىي دەرىجىلىك يىغىنىدا، يادرو پروگراممىسىنى توختاتمىغان ئىرانغا قاتتىق ئىقتسادىي جازا يولغا قويىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت قىلدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنتى بۇش يىغىندا قىلغان سۆزىدە، يادرو قورال بىلەن قوراللانغان ئىران، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن جىددىي خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ دەپ كۆرسەتكەن.

پرېزىدېنت بۇش ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، ئىراننىڭ، يادرو ساھەسىدىكى پائالىيىتىنى ئاشكارىلاپ، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئىدارىسىنىڭ ئىراننىڭ يادرو پروگراممىسىنى تەكشۈرۈشىگە رۇخسەت بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا، رۇسىيە، خىتاي، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە ۋە فرانسىيە قاتارلىق 6 دۆلەت ئىراننى يادرو پروگراممىسىنى توختىتىشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن، يېڭى ئىقتسادىي جازا تەدبىرلىرى يولغا قويۇشنى پىلانلىماقتا. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى سىياسەتتىن مەسئۇل ئالىي دەرىجىلىك خادىمى خاۋېر سولانا يېقىندا ئىران رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئىراننى زىيارەت قىلىدىكەن.

سلوۋېنىيىدىكى ئالىي دەرىجىلىك يىغىندا ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ، دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن ئۇچراشقان پرېزىدېنت بۇش، بۇ قېتىمقى ياۋرۇپا سەپىرى جەريانىدا، ئىتالىيە، فرانسىيە ۋە ئەنگىلىيىنى زىيارەت قىلىدىكەن.