جان كوتېس شەنبە كۈنى، سېدني شەھىرىدە، ئاۋسترالىيە ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ يىللىق يىغىنىدىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى جەريانىدا، 1968- يىلى مىكسېكو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق ھەرىكىتىگە ئوخشاش ۋەقە يۈز بېرىشى مۇمكىن، دېدى.
ئاۋستىرالىيىلىك تەنھەرىكەتچىلەر ئۈچۈن، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى جەريانىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە يېڭى بەلگىلىمىلەر چىقارغان ئاۋسترالىيە ئولىمپىك كومىتېتى، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئولىمپىككە ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان خىتاي دۆلىتىنىڭ
شەرەپ ۋە غۇرۇرىغا، تەنھەرىكەتچىلەرگە شۇنىڭدەك ئولىمپىكنىڭ نىزامنامىسىغا ھۆرمەت كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
لېكىن، كومىتېت ئاۋستىرالىيىلىك تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ تىبەت مەسىلسىى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە باشقا مەسىلىلەردە ئۆزلىرىنىڭ پىكىرلىرىنى ئەركىن -ئازادە بايان قىلالايدىغانلىقىنى ھەمدە مۇخبىرلار بىلەن بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا باياناتلار بېرەلەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.