ئاۋسترالىيە تەنھەرىكەتچىلىرىگە بېيجىڭدىكى مۇسابىقە تۈرىدىن چېكىنىپ چىقىش ھوقۇقى بېرىلدى

ئاۋسترالىيە تەنھەرىكەتچىلىرىگە بېيجىڭ ھاۋاسىدىكى بۇلغىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سالامەتلىك ئەندىشىسى سەۋەبلىك ئۆزى قاتنىشىدىغان مۇسابىقە تۈرىدىن چېكىنىپ چىقىش ھوقۇقى بېرىلگەن.


 ئاۋسترالىيە ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مەزكۇر قارارى ھەققىدە توختالغان مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقى پېتىر مونتگومېري، ئەگەر بېيجىڭنىڭ ھاۋاسىدىكى بۇلغىنىش تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلسا بېيجىڭ ئولىمپىكىدىن چېكىنىپ چىقىشىغا يول قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرستا كۆرسىتىلىشىچە، پېتىر مونتگومېري، 10 يىلدىن بۇيان ئولىمپىك ئۈچۈن مەشىق قىلىۋاتقان كۆپىنچە تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ پەقەت ھاۋا سۈپىتى مەسىلىسى تۈپەيلىدىنلا مۇسابىقىدىن چېكىنىپ چىقىش ئېھتىماللىقىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەنلىكىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ناۋادا ئۇلار مۇسابىقىنى خالىمىسا يول قويۇلىدىغانلىقىنى تەنھەرىكەتچىلەرگە بۇ جەھەتتە بېسىم ئىشلىتىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 443 نەپەر تەنھەرىكەتچىدىن تەركىپ تاپقان ئاۋسترالىيە ئولىمپىك كوماندىسى دۈشەنبە كۈنى كەچقۇرۇن خىتايغا قاراپ يولغا چىققان.
2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org