ب د ت دۇنيادا ئاشلىق باھاسى ئۆرلەۋاتقانلىقىدىن ئەنسىرەيدۇ

ب د ت ئەمەلدارلىرى دۇنيادا ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلەۋاتقانلىقى يەر شارىنىڭ ئەڭ نامرات نوپۇسلىرىغا ئېغىر ئاپەت كەلتۈرۈشىدىن ئەنسىرىمەكتە. 'ئامېرىكا ئاۋازى' رادىئوسىنىڭ بايان قىلىشىچە، ياۋروپا بىرلىكى ئافرىقا قۇرۇقلۇقىدىكى ئەڭ نامرات دۆلەتلەرگە يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن بېرىدىغان ياردەمنى يەنە بىر ھەسسە كۆپەيتىشنى پىلانلىغان ئىدى.

ئەمما ياۋروپا بىرلىكىنىڭ تەرەققىيات پىلانىغا مەسئۇل مەخسۇس خادىمى لۇيىس مايكىلنىڭ ئېيتىشىچە، دۇنيادا يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆرلەۋاتقانلىقى 'ئافرىقىدا ئىقتىسادىي ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك جەھەتتە شىددەتلىك دېڭىز چاپقۇنىدەك بىر چوڭ ئاپەت' پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بار.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ خادىمى گۇدىرىس ئانتونىئو نامرات دۆلەتلەرنىڭ بېرىدىغان ياردەمنى كۆپەيتىش ھەققىدىكى جىددىي مۇراجەتلىرىگە ئىنكاس قايتۇرغاندا 'دۇنيادا ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلىشى تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىشى مۇمكىن' دېگەن پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.