ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا خىتاي، رۇسىيە، ھىندونېزىيە ۋە ۋېيتناملار مەزكۇر لايىھىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىنىشىنى بەك توغرا تاپماي ئۆز پىكرىدە قالغان، لېكىن ئامېرىكىنىڭ قوللىشىدىكى مەزكۇر لايىھە ئاۋازغا قويۇلغاندا كېڭەشتىكى 15 دۆلەتنىڭ ھەممىسى قوللاپ بىلەت تاشلىغان.
ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن، ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنىڭ توقۇنۇشتىن كېيىن ئەسلىگە كېلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردە "ئىپادىلىگۈسىز دەرىجىدە " ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ب د ت نىڭ كېلەر ئاي ئېلان قىلىدىغان تەكشۈرۈش دوكلاتى باسقۇنچىلىق مەسىلىسىگە بېغىشلانغان بولۇپ، دوكلاتتا باسقۇنچىلىققا قانداق تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويىلىدۇ. كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مەزكۇر قارارىنى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارىماقتا.
قارار لايىھىسىدە مۇنداق دەيدۇ،" جىنسىي زوراۋانلىق ئۇرۇش جەريانىدىكى بىر تاكتىكا. ئۇنىڭ مەقسىتى قارشى تەرەپنىڭ روھىنى سۇندۇرۇش، بويسۇندۇرۇش، قورقۇتۇش، قاچۇرۇش، مەلۇم بىر ئېتنىك گۇرۇپپا ياكى مىللىي قەۋمنى باشقا جايغا كۆچۈشكە مەجبۇرلاشتۇر". بان كىمۇن، " ئاياللار ۋە قىزلارغا قارىتىلغان بۇ 'ساداسىز ئۇرۇش'قا قانداق تاقابىل تۇرۇشتا دۆلەتلەرنىڭ كۈچ چىقىرىشىغا توغرا كېلىدۇ " دەپ كۆرسەتتى.
ب د ت قارار لايىھىسىدە يەنە، جىنسىي زوراۋانلىقنىڭ " قوراللىق توقۇنۇشنى كۈچەيتىپلا قالماي، خەلقئارا بىخەتەرلىك ۋە تىنچلىقنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە توسالغۇ بولىدىغانلىقى" نى تەكىتلىگەن.