ب د ت : بېرمىدىكى قۇيۇن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى زور دەرىجىدە ئارتىشى مۇمكىن

ب د ت نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى، بېرمىدا يۈز بەرگەن نارگىس قۇيۇن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ساندىن زور دەرىجىدە ئارتىپ كېتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.05.07

 بۇ سۆزلەرنى ب د ت نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە مەسئۇل ياردەمچى باش كاتىپى جون خولمېس تەكىتلىگەن بولۇپ، لېكىن ئۇ ئۆلگەنلەرنىڭ سانىدا زادى قانچىلىك ئارتىش بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى.

بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر قۇيۇن ئاپىتىدە 23 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىغان. بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى ب د ت نىڭ ئاپەت رايوندىكى خەلقلەرگە ماددىي ياردەم بۇيۇملىرىنى ئەۋەتىشىگە قوشۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ب د ت ۋە خەلقئارا قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ئاپەت رايونىغا كىرىپ، نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىشىغا قىزىقماي كېلىۋاتىدۇ. 25 توننا چېدىر ۋە دورا - دەرمەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا قۇتقۇزۇش ئەشيالىرىنى باسقان بىر ئايرۇپىلان چارشەنبە كۈنى بېرمىغا يېتىپ بارغان. خەۋەرلەردە ئاز بىر قىسىم قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنىڭ ئاپەت رايونىدا تارقىتىلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ب د ت نىڭ تايلاند پايتەختى بانكوكتىكى بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى، ب د ت قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ئاپەت رايونىغا كىرىشى ئۈچۈن ۋىزا مەسىلىسى توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ب د ت قۇتقۇزۇش ئورگىنى ئەگەر قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرى ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ قولىغا تېز يەتكۈزۈلمىسە، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىككە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. نۆۋەتتە ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلار ئەڭ ئېھتىياجلىق نەرسە ئىچىملىك سۇ ۋە تۇرالغۇ جاي بولۇپ، بىر مىليون ئادەمنىڭ جىددىي تۇرالغۇغا ئېھتىياج بولۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى خەلقئارا قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى ئاپەت رايونىدا بېرمىلىقلارنىڭ ئۆزى تارقىتىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالغان. كىشىلەر بۇنىڭ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئاقسىتىشىدىن ئەنسىرىمەكتە ئىكەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.