ب د ت دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاپەت رايونىدىكى پۇقرالارغا يوللىغان ياردەم بۇيۇملىرىنى تارتىۋالغان. ب د ت نىڭ ياردەم ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئورگانى، ۋەقە بىر تەرەپ بولمىغىچە ياردەم بۇيۇملىرىنى ئەۋەتىشكە ئامالسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەڭ يېڭى خەۋەرلەردە ب د ت نىڭ ياردەمنى شەنبە كۈنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
بېرما ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ ئاپەتنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شىددەتلىك تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى خەلقئارا ياردەمنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ياردەم بۇيۇملىرىنى ئۆزى تارقىتىش شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارا قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ئاپەت رايونىغا كىرىشىنى كېچىكتۈرمەكتە. ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى بېرما دائىرىلىرىنىڭ رۇخسىتىنى كۈتمەي ئاپەت رايونىغا ھاۋادىن قۇتقۇزۇش بۇيۇمى تاشلاشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. لېكىن بۇ تەكلىپ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گەيتىسنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى.
فرانسىيە بولسا بۇنىڭغا ب د ت قارار چىقىرىش تەكلىپىنى بەرگەن. لېكىن بۇ خىتاي ۋە ھىندونېزىيىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان ئىدى. خىتاينىڭ ب د ت دىكى مۇئاۋىن باش ئەلچىسى ليۇ جىنمېن، بۇنىڭغا قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى سىياسىيلاشتۇرغانلىقتۇر، دەپ قارشى چىققان. بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى ۋەقەدە ھازىرغا قەدەر 23 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. لېكىن كىشىلەر ئۆلگەنلەرنىڭ 100 مىڭغا يېتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە.