ب د ت دا كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ 15 ئەزاسىنى سايلاپ چىقىش بۇيىچە جىددىي مۇنازىرە باشلاندى

'بىرلەشمە ئاگېنتلىقى' نىڭ ب د ت دىن خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈنكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا، كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ 15 ئەزاسىنى سايلاپ چىقىش بۇيىچە جىددىي مۇنازىرە باشلاندى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008.05.21

 خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يىغىندا بۈگۈن، ئەركىنلىكنى پۈتۈن دۇنيادا ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان، ئورگىنى نيۇيوركتىكى ئەركىنلىك ئۆيى، پۈتۈن دۇنيادىكى بالىلار مەسىلىسىنى كۆزىتىدىغان، ئورگىنى جەنۋەدىكى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئۆزلىرىنىڭ نىزامنامىسىغا ئاساسەن، 20 دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھەققىدىكى باھاسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

يىغىندا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ناچار بولغان پاكىستان، سىرى لانكا، بەھرەين، گابون، زىمبابۇۋىدىن ئىبارەت بەش دۆلەت ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. برازىلىيە، شەرقىي تېمور، بۇركىنا فاسو قاتارلىق ئۈچ دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە سۇئال قويۇلغان. گانا، ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە، چېخ، سېربىيە، سلوۋاكىيە، ئوكرائىنا، ئارگېنتىنا، چىلى، فرانسىيە، ئىسپانىيە ۋە ئەنگىلىيىلەرگە 'لاياقەتلىك' دەپ باھا بېرىلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە يەنە، ب د ت دا بۇنداق بىر كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قارىتا ئامېرىكا يالغۇز قارشى ئاۋاز بەرگەن. ئىسلام دۆلەتلىرى بولسا، بۇ كومىتېت ئىچىدە ئىسرائىلىيىگە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا قارشى تۇرىدىغان بىر گۇرۇپپا شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشقان.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.