پرېزىدېنت بۇش : ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىلىرى ئەركىنلىك ئەلچىلىرى
مۇخبىرىمىز جۈمە خەۋىرى
2008.07.21
2008.07.21
بۇش سۆزىدە چېمپىيون بولۇشنىڭ ئالاھىدە خاراكتېر تەلەپ قىلغاندىن باشقا يەنە، مەسئۇلىيەت تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى: " بېيجىڭدا سىلەر دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ سۆيۈلگەن قىممەت قارىشىنى يەتكۈزۇسىلەر. ئەركىنلىك ئەلچىسى بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن، سىلەر ئامېرىكىنىڭ ئەركىنلىككە بولغان مۇھەببىتىنى ھەمدە بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي قەدىر - قىممەتكە بولغان ھۆرمىتىمىزنى نامايان قىلىسىلەر. بېيجىڭدا سىلەر يەنە، دۆلىتىمىزنىڭ خاراكتېرىنى نامايان قىلىسىلەر. بۇلارنى سىلەر خىتاي خەلقى ۋە باشقا تەنھەرىكەتچىلەرگە يەتكۈزىسىلەر."
بۈگۈنكى يىغىلىشقا ئولىمپىككە قاتنىشىدىغان تەنھەرىكەتچىلەردىن باشقا، ئامېرىكا دۆلەت رەھبەرلىرىدىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايس ۋە بىر قىسىم ھەربىي ئەمەلدارلار قاتناشقان.
پرېزىدېنت بۇش سۆز ئاخىرىدا، ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىلىرىنى ئۆز رىقابەتچىلىرىگە ھۆرمەت كۆرسىتىش ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا بولغان ھۆرمىتىنى كۆرسىتىشكە چاقىردى.
بۇ يىل بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 29 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك يىغىنىغا ئامېرىكا تەرەپتىن 600 نەپەر تەنھەرىكەتچى قاتنىشىدۇ.









