ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش خىتاينى دالاي لاما بىلەن دىئالوگ ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش 9 ‏ - ئاپرىل كۈنى، خىتاينى تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما ۋەكىللىرى بىلەن دىئالوگ ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى. پرېزىدېنت بۇش سۆزىدە: " ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لاما ۋەكىللىرى بىلەن دىئالوگ ئېلىپ بارسا، بۇ خىتاي ئۈچۈن كۆپ پايدىلىق، خىتاي تەرەپ دالاي لاما بىلەن ئالاقە قىلغاندا، ئۇنىڭ ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ تېنچلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان، زوراۋانلىققا قارشى تۇرىدىغان ئاق كۆڭۈل ئادەم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ" دېدى.

بۇش يەنە، دالاينىڭ ھېچقاچان تىبەت مۈستەقىللىقىنى تەرغىپ قىلمىغانلىقىنى، ئەكسىچە تىبەتنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

پرېزىدېنت بۇش، بېيجىڭنى دالاي لاما بىلەن دىئالوگ ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىشتىن ئىلگىرى، خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى كەۋىن رۇدمۇ ئوخشاش تەشەببۈسنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

باش مىنىستىر كەۋىن بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىش پىكىرلىرىگە قوشۇلمايدىغانلىقىنى، بىراق خىتاينىڭ تىبەتتە ھەقىقەتەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەۋجۈت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاينىڭ تىبەت خەلقىنى باستۇرۇش ھەرىكىتى، نۆۋەتتە دۇنيا جامائەتچىلىكى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى.