بۇش ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە بارسا كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى ستىپان خادلېي، پرېزىدېنت بۇشنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىش پىلانىنى ئاقلاپ، ئۇنىڭ بىر تەنتەربىيە ھەۋەسكارى سۈپىتىدە قاتنىشىدىغانلىقى ۋە بۇ جەرياندا خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە سۆزلىشىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بولۇپمۇ تىبەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پرېزىدېنت بۇش ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى، بولمىدى دېگەندە مۇسابىقىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىش ھەققىدىكى كۈچلۈك بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە. لېكىن بۇش ئالدىنقى كۈنى قاتنىشىش پىلانىدا ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئەمما بۇش تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى كۆرگىلى بارامدۇ ياكى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشامدۇ، بۇنىسى ھازىرغا قەدەر مەلۇم ئەمەس. ستىپان خادلېي مۇنداق دەيدۇ، " ئەپسۇسكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئەگەر بىز ئولىمپىكنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشنى رەت قىلساق تىبەتنى قوللىغانلىق بولىدۇ، دەپ قارىماقتا. لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇ مەسىلىدىن قاچقانلىقتۇر."

خادلېي بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت مەسىلىسىدىكى سىياسىتىنى سۈكۈنات دىپلوماتىيىسى، دەپ ئاتىدى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ تىبەت مەسىلىسىگە قىزىقسا، خىتايغا يەڭ ئىچىدىن ئۆز خەلقىنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش توغرىسىدا ئۇچۇر يەتكۈزۈشىنى تەلەپ قىلدى.