جورج بۇشنىڭ مەشغۇلات جەدۋىلى تېخى ئېلان قىلىنمىدى

كانادا باش مىنىسىتىرى خارپېر، گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل خانىم قاتارلىق دۆلەت باشلىقلىرى بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ھازىر دۆلەت مەجلىسىنىڭ قاتناشماسلىق ھەققىدىكى بېسىمىغا دۇچ كەلدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقى قاتارلىق بىر نەچچە ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ 4 ‏- ئاينىڭ 8 ‏- كۈنى بىردەك بايان قىلىشىچە، ئاقساراينىڭ باياناتچىسى دانا پېرىنو خانىم ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ ھازىرقى پوزىتسىيىسىنى بىلىشكە ئالدىرىغان مۇخبىرلارغا 'بىز تېخى پرېزىدېنت جورج بۇشنىڭ ساياھەت جەدۋىلىنى ئېلان قىلمىدۇق، پرېزىدېنت بۇش خالىغان ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ سەپىرىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن.

بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇ پەقەت تەنھەرىكەت ھەۋەسكارى سۈپىتىدىلا قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلغان ئىدى' دەپ جاۋاب بەرگەن.