ئاقساراي: بۇش ئولىمپىك مۇراسىمىغا قاتنىشىشى مۇمكىن

ئامېرىكا پرېزىدېنت ئىشخانىسى ئاقساراي پەيشەنبە كۈنى ئولىمپىك يىغىنىنىڭ 8 ‏ - ئاۋغۇست كۈنىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىش ھەققىدىكى چاقىرىقلارغا قارىماي، بۇشنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.07.03
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئاقساراينىڭ باياناتچىسى دانا پەرىنو پەيشەنبە كۈنى ئاخبارات يىغىنىدا مۇنداق دەيدۇ " مەن پرېزىدېنتنىڭ ۋاقىت جەدىۋىلىنى ئېلان قىلالمايمەن. لېكىن ئۇ ئولىمپىك يىغىنىغا بارىدۇ شۇنداقلا مەن يەنە بۇ سەپەر ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغاندۇ، دەپ ئويلايمەن".

پرېزىدېنت بۇش ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشنى بايقۇت قىلىش ھەققىدىكى چاقىرىقلارنى رەت قىلىپ كەلمەكتە ئىدى. ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن تونۇلغان ئەزالىرىدىن فرانك ۋولف بىلەن كرىستوفىر سىمىت بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىپ، پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قاتناشماسلىقىنى تەلەپ قىلغان.

دانا پەرىنو، پرېزىدېنت بۇش خىتاينىڭ دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىدىن مەمنۇن بولغانلىقى، لېكىن پرېزىدېنتنىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىغا قاتنىشىشى بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى. پەرىنو " ئۇ خىتاي سەپىرىنىڭ ئالدى بىلەن شۇنداقلا ئەڭ مۇھىمى ، بىزنىڭ تەنتەربىيىچىلىرىمىزگە مەدەت بېرىش ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ سەپەر مۇسابىقىنى قوللاشتۇر " دەپ كۆرسەتتى.

 لېكىن پەرىنو، بۇشنىڭ ئالدىمىزدىكى ھەپتە ياپونىيىدە گ - 8 لەر يىغىنىغا قاتنىشىپ، خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندە ئوتتۇرىغا قويىدىغان كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىككە دائىر بەزى مۇھىم مەسىلىلەرنى، ئولىمپىك مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا بارغاندا يەنە ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت