پۇتىن بىلەن بۇش سوچىدا ئۇچراشتى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش شەنبە كۈنى رۇسىيىنىڭ قارا دېڭىز بويىدىكى ساياھەت شەھىرى سوچىغا يېتىپ كېلىپ، پرېزىدېنت پۇتىن بىلەن ئۇچراشتى. بۇ، پۇتىن بىلەن بۇشنىڭ پرېزىدېنتلىق سالاھىيىتى بىلەن ئاخىرقى قېتىملىق رەسمىي ئۇچرىشىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، پۇتىن 5 - ئايدا ۋەزىپىسىدىن قالىدۇ.

رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پۇتىننىڭ قارا دېڭىز بويىدىكى تۇرالغۇسىدىكى بۇ ئۇچرىشىش تولىمۇ قىزغىن ۋە دوستلارچە كەيپىياتتا ئۆتكەن بولۇپ، ھەتتا ئىككى پرېزىدېنت بىر - بىرىگە چاقچاق قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرگەن. ئەمما، شۇ كۈنى ئاخشىمى ئۆتكۈزۈلگەن رەسمىي سۆھبەتتە بۇش بىلەن پۇتىن باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى مەسىلىسى ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغان.

بىراق، بۇ قېتىم ئىككى پرېزىدېنت رۇسىيە - ئامېرىكا ئىستراتېگىيىلىك رامكا كېلىشىمى دەپ ئاتالغان يېڭى بىر ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ھاسىل قىلغان بولۇپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى بويىچە ھەمكارلىقتا بەزى ئىلگىرىلەشلەر بولغانلىقىنى كۆرسىتىشكەن.

بۇش يەنە پرېزىدېنت بۇش بۇ قېتىم يەنە يېڭىدىن سايلانغان رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترىي مېدۋېدېۋ بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، 20 مىنۇت سۆزلەشكەن. مېدۋېدېۋ بۇ يىل 5 - ئايدا رەسمىي پرېزىدېنتلىققا قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالىدۇ. پۇتىن بەلكى باش مىنىستىر بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.