جورجى بۇش رۇسىيىنى ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن بىرگە، گىروزىيىگە كەڭ كۆلەملىك ياردەم ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش گىروزىيە كرىزىسىگە قاراتقان كەڭ كۆلەملىك ياردەم بېرىش ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيىنى ئامېرىكىنىڭ گىروزىيىگە قاراتقان ياردەم ھەرىكىتىگە ئارىلاشماسلىققا ئاگاھلاندۇردى.

بۇش مۇنداق دەيدۇ: " بىز رۇسىيىنىڭ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، ھەر قانداق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ گىروزىيىگەيېتىپ بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بارلىق قاتناش يوللىرىنىڭ، تاموزنا، ئايرودروملارنىڭ داۋاملىق ئېچىۋېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ."

بۇش رۇسىيىنى ئاگاھلاندۇرۇپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: " رۇسىيە گىرۇزىيە كرىزىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ۋەدە بېرىشى شەرت، شۇندىلا رۇسىيە ئامېركا ۋە باشقا ئەللەر بىلەن پەيدا بولغان ئىختىلاپلارنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ."

بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ بىلدۈرۈشىچە، پرېزىدېنت بۇش چارشەنبە كۈنى 12 كىشىلىك ئامېرىكا ھەربىي ئىشلار گۇرۇپپىىسىنى گىروزىيىگە ئەۋەتكەن بولۇپ، بۇ ئامېرىكىنىڭ گىرۇزىيىگە قاراتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. شۇ كۈنى ئامېرىكىنىڭ گېرمانىيىدىكى ھەربىي بازىسى گىروزىيىگە ياردىمىنى باشلىغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار كومىتېتىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، رۇسىيە بىلەن گىروزىيە ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇش جەريانىدا 100 مىڭ كىشى ئۆي ‏ماكانسىز قالغان.

خەلقئارا قىزىل كرىست جەمئىيىتىنىڭ گىروزىيىدىكى باياناتچىسى، ئۇرۇش توختىغان ھامان خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇرۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلارغا جىددىي ياردەم يەتكۈزۈشكە چاقىرغان.

بېرىتانىيە ئاخباراتىدا كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيە ‏ - گىروزىيە ئارىسىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قول قويۇلغان بولسىمۇ ھالبۇكى، رايوندا يەنىلا ئوق ئاۋازى ئۈزۈلمىگەن. رۇسىيە تانكا قىسملىرى ھازىرمۇ گىروزىيىنىڭ ھەربىي بازا ھەم مۇئەسسەسەلىرىنى كونترول قىلىپ تۇرماقتا ئىكەن.