پرېزىدېنت بۇش نۆۋەتتە، ياۋروپا زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى ئىتالىيىدە بولۇپ، ئىتالىيە رەھبەرلىرىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما چارشەنبە كۈنى رىم شەھىرىگە يېتىپ كەلگەندە، رىم شەھەر مەركىزىگە يىغىلغان نەچچە مىڭلىغان ئۇرۇشقا قارشى پائالىيەتچى ۋە ئاممىنىڭ نارازىلىق نامايىشىغا دۇچ كەلدى.
پەيشەنبە كۈنىمۇ بۇشنىڭ ئىتالىيىدىكى زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلغان. بۇش جۈمە كۈنى رىم پاپاسى 16 - بېنىدىك بىلەن كۆرۈشمەكچى.
پرېزىدېنت بۇشنىڭ بۇ قېتىمقى ياۋروپا زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئىراننىڭ يادرو قوراللىرى مەسىلىسىدىن باشقا مۇھىم بىر تېما، ئىتالىيىنىڭ تېھران سۆھبىتىگە قاتنىشىشنى قولغا كەلتۈرۈشىگە قانداق ياردەم بېرىشنى مۇزاكىرە قىلىش ئىكەن. نۆۋەتتە مەزكۈر سۆھبەت گۇرۇپپىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئەزا 5 دۆلەت بىلەن گېرمانىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
