چىڭگىز ئايتماتوف دەپنە قىلىندى

ئەسەرلىرى 170 نەچچە خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ، 60 مىليون تىراژدا نەشىر قىلىنغان داڭلىق يازغۇچى چىڭگىز ئايتماتوف شەنبە كۈنى بىشكەك شەھىرىدە 1938 - يىلى ستالىن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن دادىسىنىڭ يېنىغا داغدۇغىلىق ھەم ئەڭ ئالىي ھۆرمەت بىلەن دەپنە قىلىندى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار خەۋىرى
2008.06.15

 ئايتماتوفنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى دۇنيانىڭ خېلى كۆپ ساندىكى دۆلەت باشلىقلىرى قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېۋقا تېلېگرامما يوللاپ تەزىيە بىلدۈردى. قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى بۇ كۈنى ئاممىۋى ماتەم پائالىيەتلىرى ئېلىپ باردى.

بۇلارنىڭ ئىچىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققان دۆلەتلەردىن رۇسىيە، ئەرمېنىيە، ئۇكرائىنىيە، قازاقىستان ۋە باشقىلاردىن باشقا يەنە فرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ تەزىيەنامە ئەۋەتكەن.
 
موسكۋادا ياشايدىغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پرېزىدېنتى مىخائىل گورباچېۋ چىڭگىز ئايتماتوفنىڭ يېقىن دوستى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇرۇپ مەخسۇس تەزىيەنامە ئېلان قىلغان. قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف، ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف، ئەزەربەيجان پرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېف ۋە تۈركىيە باش مىنىستىرى تايىپ ئەردوغان، تاتار پرېزىدېنتى مىنتەمىر شەمىيېف قاتارلىقلار ئايتماتوفنىڭ ۋاپاتىنى پۈتۈن تۈرك خەلقلىرىنىڭ قايغۇسى سۈپىتىدە قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
 
رۇسىيە پرېزىدېنتى دىمىترىي مېدۋېدېۋ بىلەن باش مىنىستىر ۋلادىمىر پۇتىن بىرىنچى بولۇپ، تەزىيەنامە يوللىغانلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.