ئامېرىكا CIA نىڭ باشلىقى خىتاي ‏ - ئامېرىكا دۈشمەنلىكى ھەققىدە توختالدى

ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى، CIA نىڭ باشلىقى گېنېرال مايكېل ھېيدىن، 30 ‏ - ئاپرىل كۈنى كېنىساس ئۇنىۋېرسىتېتىدا 21 ‏ - ئەسىردىكى جىددىي ۋەزىيەت ھەققىدە بەرگەن دوكلاتىدا " مېنىڭچە، خىتاي دۇنيادىكى چوڭ دۆلەت بولۇپ ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى كېڭەيتىۋېرىشى مۇمكىن، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئۇ ئامېرىكىنىڭ دۈشمىنى بولۇشى ناتايىن " دەپ كۆرسەتتى.


 ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ 1 ‏ - ماي كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، گېنېرال ھېيدىن سۆزىدە، خىتاي كوممۇنىستلار رەھبەرلىكىدىكى يادرو دۆلىتى، ئۇ مۇشۇ ئەسىر ئىچىدە ئارزۇ قىلغىنىدەك چوڭ دۆلەتلىك ئورنىغا ئېرىشىشى مۇمكىن. خىتاي شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىدىكى دىققەت بىلەن كۆزىتىدىغان مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ، دېگەن.

ئۇ يەنە " ئەگەر خىتاي ئۆزىنىڭ خەلقئارا سېىستىمىنىڭ نورمال تەرەققىياتىنى ھىمايە قىلىشتەك مەسئۇلىيىتىنى قوبۇل قىلالىسا، كەلگۈسىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېڭى ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىشى مۇمكىن " دەپ قارايدىغانلىقىنى ھەمدە " ئامېرىكىنىڭ ئىككى قېتىملىق دېڭىز بوغۇزى ئۇرۇشىدىكى ھەربىي كۈچى ۋە تەيۋەن مۇستەقىللىقى ئەندىشىسى خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىشىگە سەۋەب بولۇۋاتىدۇ "دەپ تونۇيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org