خىتاي، پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لاماغا پەخرى ۋەتەنداشلىق بېرىش قارارىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى

خىتايدا، غەرب دۆلەتلىرى ۋە مەتبۇئاتىنىڭ بولۇپمۇ، فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت مەسىلىسىدە تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ پارىژ دىن ئۆتۈشى جەريانىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر گە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر پەيتتە، پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ، تىبەتلەرنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىسى دالاي لاماغا پەخرى ۋەتەنداشلىق بەرگەنلىكى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى قاتتىق غەزەپلەندۈردى.
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات خەۋىرى
2008-04-22
Share

 پارىژ شەھەر كېڭىشى تەرىپىدىن دالاي لاماغا پەخرى ۋەتەنداشلىق بېرىلگەنلىكىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاڭ يۈ، بۇ ھەرىكەتنى، خىتاي خەلقىگە قىلىنغان " يەنە بىر ھاقارەت" دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاڭ يۈ، تەرىپىدىن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلىنغان باياناتتا "دالاي لاماغا پەخرى ۋەتەنداشلىق بېرىلگەنلىكى، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق ھېسابلىنىدۇ ھەمدە خىتاي - فرانسىيە مۇناسىۋەتلىرىگە جىددىي تەسىر يەتكۈزىدۇ" دېيىلگەن.

ئۇ باياناتىدا، فرانسىيە ھۆكۈمىتىدىن، تىبەت مۇستەقىلچىلىرىنى قوللاش ۋە ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىشنى توختىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە سەلبىي تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان ئامىللارنى يوقىتىشنى تەلەپ قىلدى.

گەرچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ئىسمى ئاتالمىغان بولسىمۇ، لېكىن پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمىتى پەقەت دالاي لاماغىلا ئەمەس، يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايدا ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جىياغىمۇ پەخرى ۋەتەنداشلىق بېرىشنى قارار قىلغان.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت