ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى گوردون براۋن دالاي لاما بىلەن كۆرۈشىدۇ

ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى گوردون براۋن 23 - ماي لوندوندا تىبەتلەرنىڭ روھانى داھىيسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشىدىغان بولۇپ، ئەنگىلىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارى، مەزكۇر ئۇچرىشىش دىنىي مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، سىياسىي تۈس بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر ئۇچرىشىشنىڭ 23 - ماي جۈمە كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن گوردون بروۋنىڭ باياناتچىسى، دالاي لامانىڭ بىر دىنىي داھىي بولۇش ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۇچرىشىشنىڭ دوۋنىڭ كوچىسىغا جايلاشقان ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدا ئەمەس، بەلكى ئەنگلىيە چېركاۋى يەنى دۇنيا خاراكتېرلىك خرىستىئان دىنىي مەزھىپى، ئانگېلىكا مەزھىپى، كانتېربۇرى چېركاۋى ئاركبىشوپىنىڭ ئىشخانىسى ‏ - لامبېس سارىيىدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەمدە بۇنىڭ يېقىندا تىبەتتە يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەر ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بارىدىغان ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى قوشۇمچە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما باش ۋەزىر گوردون بروۋنىڭ دالاي لامانى پەقەت بىر دىنىي داھىي سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 10 - مارت تىبەتتە يۇز بەرگەن نارازىلىق نامايىشىنى قاتتىق قول ۋاستىلەرنى ئىشقا سېلىپ باستۇرغاندىن كېيىن، گوردون بروۋن خىتاينى ئەيىبلىگەن ھەمدە دالاي لاما ئەنگلىيىدە زىيارەتتە بولىدىغان مەزگىلدە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بروۋننىڭ بۇ باياناتى خىتاينىڭ چىشىغا تەككەن بولسا، تىبەتنى قوللىغۇچى تەشكىلاتلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىدى.

دالاي لاما 20 - مايدىن باشلاپ ئەنگىلىيىدە زىيارەتتە بولىدۇ.