فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي خۇ جىنتاۋنىڭ ۋەكىلىگە خىتاينىڭ دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى

فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي جۈمە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى، خىتاينىڭ فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى جاۋ جىنجۈن بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي دائىرىلىرىنى تىبەت روھانىي داھىسى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئۈندىدى.

فرانسىيە پرېزىدېنت ئىشخانىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ساركوزىي بىلەن جاۋ جىنجۈن سۆھبەت جەريانىدا يەنە، يېقىندا يۈز بەرگەن تىبەتتىكى ۋەقەلەر ۋە بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

فرانسىيە خىتاي دائىرىلىرىنى تىبەت روھانىي داھىسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئۈزلۈكسىز تەۋسىيە قىلىپ كېلىۋاتقان دۆلەت بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىم تىبەتتە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر ئىچىدە خىتايغا ئەڭ جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى. پرېزىدېنت ساركوزىي، ئەگەر خىتاي تىبەتتىكى باستۇرۇشنى توختاتمىسا بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىشتىن چېكىنمەيدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

فرانسىيىنىڭ ئىنكاسى خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ، خىتايدا فرانسىيە ماللىرىنى، فرانسىيە مەبلىغى بىلەن مۇناسىۋەتلىك سودا ئورۇنلىرىدىن مال سېتىۋېلىشنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتى قوزغىلىشىغا سەۋەب بولغان. ساركوزىينىڭ جاۋ جىنجۈننى قوبۇل قىلغان مەزگىلى خىتاينىڭ چىڭخەي ئۆلكىسىدە تىبەتلەر يەنە نامايىش قىلىپ، ئاز دېگەندە 140 نەپەر تىبەت پۇقراسى ۋە تىبەت راھىبى قولغا ئېلىنغان مەزگىلگە توغرا كەلدى. بۇ ۋەقە چىڭخەينىڭ توڭرېن ناھىيىسىدە پەيشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن.