ساركوزىي: خىتاي مېنىڭ كۈنتەرتىپىمنى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس

فرانسىيە پرېزىدېنتى نىكولاس ساركوزىي خىتاينىڭ فرانسىيىدىكى باش ئەلچىسى كۇڭ چۈەننى ئاگاھلاندۇرۇپ، 8 ‏ - ئايدا فرانسىيىنى زىيارەت قىلىدىغان تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما توغرىسىدا قالايمىقان سۆزلىمەسلىكىنى، چۈنكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىم بىلەن كۆرۈشۈش - كۆرۈشمەسلىكىنى خىتاي قارار قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كۇڭ چۈەن بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى ئەگەر پرېزىدېنت ساركوزىي دالاي لاما 8 ‏ - ئايدا فرانسىيىنى زىيارەت قىلغاندا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشسە، بۇنىڭ " ئېغىر ئاقىۋەتلەر" نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

كۇڭ چۈەننىڭ ئالدىنقى كۈنى قىلغان بۇ سۆزى فرانسىيە مەتبۇئاتلىرىدا زور غۇلا - غۇلا پەيدا قىلماي قالمىغان. شۇ كۈنى فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوچېنىر كۇڭ چۈەن بىلەن كۆرۈشۈپ، پرېزىدېنت ساركوزىينى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشمەسلىك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانلىقىغا ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ساركوزىي پەيشەنبە كۈنى " مېنىڭ كۈنتەرتىپىمنى ئورۇنلاشتۇرۇشۇمنى خىتاي قارار قىلمايدۇ. بۇ خۇددى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ كىم بىلەن كۆرۆشۈشىنى فرانسىيە قارار قىلمىغانغا ئوخشاش ئىش" دەپ كۆرسەتكەن.

لېكىن ساركوزىي يەنە ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش قارارىنى ئاقلاپ،" خىتاينىڭ يۈز ئابرويىنى چۈشۈرۈش ياخشى ئۇسۇل ئەمەس. سەمىمىيلىك بىلەن سۆزلىشىش تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدۇ. سىز يەر يۈزىدىكى 4 دەن بىر قىسىم ئادەمگە چەكلىمە قويالمايسىز " دەپ سۆزلىگەن.

ساركوزىي بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرى ياپونىيىدە خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزىنىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ساركوزىينىڭ 8 ‏ - ئايدا دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈش - كۆرۈشمەسلىكى ھازىرغا قەدەر مەلۇم ئەمەس. لېكىن بەزى كۆزەتكۈچىلەر كۇڭ چۈەننىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى ئەكسىچە رول ئويناپ، ساركوزىينىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشمىسە، خىتايدىن قورقتى دەيدىغان تەسىرات پەيدا قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.