گېرمانىيە پارلامېنت ئەزالىرى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىملىرىنى نەق مەيداندىن كۆرسەتمەسلىكنى تەشەببۇس قىلدى

گېرمانىيە پارلامېنت ئەزالىرى تىبەت ئىچىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ياخشىلانمىغان شارائىت ئاستىدا، گېرمانىيە تېلېۋىزىيە شىركەتلىرىنى بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ ئېچىلىش ۋە يېپىلىش مۇراسىملىرىنى نەق مەيداندىن كۆرسەتمەسلىككە چاقىردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.04.17
 فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل قىلىشىچە، گېرمانىيە پارلامېنت ئەزاسى، كونسېرۋاتىپ خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيىسى ۋەكىلى كائى ۋېگېنېر ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك ئېچىلىش مۇراسىمىدەك بىر تەشۋىقات مۇراسىمىنى كۆرسەتمەسلىكى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن بولسا، گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسى ئەزاسى ۋولكېر بەك ئەگەر تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ياخشىلانمىغان ئەھۋال ئاستىدا گېرمانىيىدىكى ئاممىۋى تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ ئولىمپىك مۇراسىملىرىنى بايقۇت قىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەمما گېرمانىيىدىكى بىرقەدەر چوڭ ھېسابلىنىدىغان ز د ف تېلېۋىزىيە قانىلى ھازىرچە ئۆزلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى تارقاتماسلىق مەسىلىسىدە ئويلاشمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گېرمانىيە خىتاينىڭ تىبەت سىياسىتى ۋە ناچار كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى سەۋەبلىك بۇ يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىنى ھۆكۈمەت خادىملىرى ئەڭ كۆپ بايقۇت قىلغان دۆلەت بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ھەمدە تەنتەربىيە ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى قاتارلىقلار بار. 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.